قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى

2018-06-19 18:17:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- ئاينىڭ 16- كۈنى تاڭزۇڭزا چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تاڭزۇڭزا تۈگۈپ، دوستانە پاراڭلىشىپ، ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشتى.

  سۈرەتتە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تاڭزۇڭزا تۈگۈشتە مۇسابىقىلەشمەكتە

(مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)


 كۇچا ناھىيەلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ياقا بازىرى بەشبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، «تاڭزۇڭزا چاغىنىدا ئەل قەلبىنى ئىللىتىش» تېمىسىدا بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.    سۈرەتتە: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە تاڭزۇڭزا تۈگۈشنى ئۆگەتمەكتە

(لى شەن فوتوسى)
 

 شايار ناھىيەلىك 2- يەسلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە تاڭزۇڭزا تۈگۈش، تاڭزۇڭزىنىڭ رەسىمىنى سىزىش، بالىلار قوشىقى ئوقۇش، يەر يۈزىدە ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بالىلارغا ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچى ھېس قىلدۇرۇلدى. 

(ۋاڭ يۈتاڭ فوتوسى)
 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى