قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 يول باشلاش ئۈسكۈنىسى

2018-06-19 16:34:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يول باشلاش ئۈسكۈنىسى ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى. ھەتتا ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق دەۋرىدە، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلايدىغان ئەرلەر ئۆيىگە قايتىش يولىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايتتى. چىلىق- چىلىق ھۆل، يەرلىرىگە دەرەخ يوپۇرماقلىرى سېلىنغان ئۆڭكۈر ئىچىدە ھامان بىر گۈلخان بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يولىنى يورۇتۇپ قايتىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.

كىشىلەرنىڭ قەدىمى يۈرەك كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كېڭەيدى. ئۇلار ئاخىر بىر كۈنى مەيلى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار مەيلى يېنىدىكى دەرەخ قوۋزاقلىرى بولسۇن ئۆزلىرىگە ئۆڭكۈرنىڭ يۆلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن قەيەردىن پەيدا بولغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر توپ تۇمان ئىچىدە، فىڭخوۋ دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەزىمەت، ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئەڭ يېڭى ئەڭگۈشتىرى كومپاس ھارۋىنى مەيدانغا چىقاردى. ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېقىنقى زاماندا ياسىلىپ چىققان كومپاسلار ئەينى دەۋردىكى كومپاس ھارۋا ئاساسىدا ياسىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. كىشىلەر يەنە ئەگەر كومپاس بولمىغان بولسا بۈيۈك دېڭىز قاتنىشى دەۋرى بولمىغان بولاتتى دەپ قاراشماقتا. زادى كىمنىڭ ئەڭ بۇرۇن ماگىنىتتىن ياسالغان ئۈسكۈنىنى پاراخوتقا ئورناتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىراق، بىز بۇ خىل پاراخوتنىڭ ئەڭ بۇرۇن گۇاڭجۇ ئەتراپىدىكى دېڭىزدا پەيدا بولغانلىقىنى بىلىمىز.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا، گۇاڭجۇنىڭ لىڭنەن رايونى دەل كېمىسازلىقتا داڭ چىقارغان جاي ئىدى. غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جەنۇبىي يۆۋاڭ قەبرىسىدىن چىققان مىس كاناينىڭ ئۈستى پەي بىلەن بېزەلگەن ئۇرۇش پاراخوتى سىزىلغان رەسىم بىلەن توشۇپ كەتكەن، ئۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ سۇ ئۈستى ماھىرلىرىغا ئوقۇلغان مەدھىيەسى.

بۇرۇنقى دېڭىزچىلار، يول باشلاش تېخنىكىسىنىڭ كۈچلۈك چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. گەرچە بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تارىخىي ساقلانمىلاردىن ئۇلارنىڭ چاپما قىيىق ياكى چوڭ سالنى ھەيدەپ دېڭىزدىن ئۆتكەنلىكىدەك ئىسپاتلارنى تاپالىساقمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاراللاردىكى ئىنسانلار توپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى چەكلىك، بېكىنمە ۋە نادان بولغاچقا، بىزگە تەنھا كېمە بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان ئۇسۇلنىڭ تەننەرخىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىلگىرى قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ئوكيان ھالقىغانلىقىدەك ئۇلۇغ ھەركىتىنى تەقلىد قىلغان نورۋىگىيەلىك خاردار سالنى قايتا ياسىغان ۋاقىتتىكى كۆرگەنلىرىنى مۇنداق يازغان: «تۆت ئەتراپى قاپقارا دولقۇن خۇددى مۇناردەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، نۇرچېچىپ تۇرغان سانسىزلىغان ئىسسىق بەلباغ يۇلتۇزلىرى خۇددى دېڭىزدىكى لەيلىمە جانلىقلارنىڭ نۇر قايتۇرۇشىغا ئوخشايتتى. ۋاقىت ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات ئەمدى قايتا مەۋجۇت ئەمەس، بىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئۆزگەرمەيدىغان يەنە بىر تەرىپىمىز يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدا قاراڭغۇلۇقنىڭ بىزنى يۇتۇپ كېتىشى بولدى. ئىنسانلار يۆلىنىش تۇيغۇسى جەھەتتىكە تەبىئىي كەمتۈكلۈكىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان تاشقى كۈچ ئامىلى بىلەن تولۇقلىشى كېرەك».

سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ كىمىلەرنى ياساش خاتىرىسىدىن، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا يېراق ئوكيانغا قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئالىملار «بۇنى دېڭىز قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى بولسا، كومپاس دېڭىز قاتنىشىدا قوللىنىلىشقا باشلىدى، بۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش» دەپ قاراشتى.

نۆۋەتتە، ئىلىم- پەن ساھەسىدە ئېتراپ قىلىنغان كومپاسقا ئالاقىدار ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە، شىمالى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «پىڭجۇدىكى سۆھبەت» ناملىق كىتابتىن كەلگەن. ئۇنىڭدا «كىمىچىنىڭ جۇغراپىيەدىن خەۋىرى بار ئىدى، ئۇ كەچتە يۇلتۇزلارغا، كۈندىزى قۇياشقا، ھاۋا تۇتۇق كۈندە كومپاسقا قاراپ كىمىنى ھەيدەيتى ياكى دېڭىزدىن لاينى سۈزۈپ ئېلىپ پۇرىغاندىن كېيىن، پۇراققا ئاساسەن كىمىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيتى» دەپ يېزىلغان. بۇ كىتابنى جۇ يۈ شىمالى سۇڭ سۇلالىسى شۈەنخېنىڭ تۇنجى يىلى، يەنى 1119- يىلى يازغان. ئۇ دادىسى جۇ فۇنىڭ گۇاڭجۇدا ئايماق ئەمەلدارى بولغان چاغدىكى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يازغان. بۇ دۇنيا دېڭىز قاتنىشى تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن كومپاس ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇۇرلغان كىتاب .

كېمە بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىنسانلار كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان دائىرىدە سەپەر قىلغان. پايانسىز دېڭىزدا ھىچقانداق بەلگە يوق، دولقۇن بىلەن بېلىق، قۇياش ۋە يۇلتۇزلار ئۆز ئارا توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا يۇلتۇزلاردىن يۆلىنىشنى پەرقلەندۈرەلەيتى. ئەمما، كومپاسنىڭ بارلىققا كېلىشى يېڭى ئىمكانىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىز ئەڭ دەسلەپتە سۇ لەيلىمە كومپاسىنى قوللانغان. كېيىن سۇ لەيلىمە كومپاس سۇ كومپاس دەپ ئاتالغان. يەنى ماگنىتلاشقان تۆمۈر يىڭنىنى پىلىكئوتتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ ئۈستىدە لەيلىتىمىز، ماگنىت سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يىڭنە ۋە نىشان تەخسىسى بىرلىشىپ سۇ كومپاس بولغان. بۇ خىل كومپاس تەخمىنەن جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پەيدا بولغان. كېمىدە مەخسۇس بىر ئادەم كومپاسنى قوغداپ ئۈزۈكسىز يۆلىنىشنى تۈزىتىپ ماڭاتتى. بۇ پۈتۈن بىر كىمىنىڭ بىخەتەرلىك ئاچقۇچى بولۇپ قىلچە پىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايتتى. كومپاس بىلەن يول بەلگىلەشتەك مۇشۇنداق ئىلغار ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ تاشقى سودا ئالاقىسى ئالدىنقى دەۋرلەردىن ئېشىپ، دۇنيادىكى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھىم دۆلەت بولۇپ قالغان. ئۇ چاغدا جۇڭگونىڭ سودا كېمىلىرى يېقىندا چاۋشيەن، ياپونىيەلەرگىچە، يىراقتا بولسا ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىغىچە يېتىپ بارغان. لېكىن، بۇ ۋاقىتتا ئورۇن بېكىتىش ئۇسۇلى يەنىلا مەۋجۇت ئىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىڭ خېنىڭ غەربىي ئوكيانغا سەپەر قىلغان كېمىسىدە قۇرۇلمىسى ئىنتايىن نەپىس ئورۇن بېكىتكۈچنى كۆرىمىز. بۇ قەدىمكى زاماندىكى يۇلتۇز يول باشلاش تېخنىكىسىنىڭ يېتىلىش باسقۇچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم كەشپىيات. قەدىمقى دېڭىزچىلارنىڭ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد توپلىغان دېڭىز- ئوكيان جۇغراپىيە بىلىملىرى پاسسات شامىلى، ئوكيان ئېقىمىغا بولغان تونۇشى، كېمىچىلەرنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى. قەدىمقى جۇڭگو يەنە ماگنىتلىق پولاتتىن پايدىلىنىپ، سۈنئىي ماگنىتلاشتۇرۇپ كومپاس ياساش تېخنىكىسىمۇ بار ئىدى. ماگنىتتىن ياسالغان كومپاس قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياسىلىدۇ. ئەگەر ماتىريالنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا قۇتۇبنى كۆرسىتىشى توغرا بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنى ياساش بەك تەس. سۈنئىي ماگنىتلاشتۇرۇلغان كومپاس بولسا ئۇنداق ئەمەس، پەقەت بىر تال يىگنىنى ماگنىتقا سۈركىسە پولات يىڭنە ھەش پەش دېگۈچە ماگىنىتلىشىدۇ. بۇ كەشپىيات ئەڭ بۇرۇن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالىم شىن كو يازغان «مىڭشى سۆھبەت خاتىرلىرى» دە خاتىرلەنگەن. شېن كو كومپاس ياساش تېخنىكىسى جەھەتتە سۇدا لەيلىتىش ئۇسۇلى، تىرناق ئايلانما بېكىتىش ئۇسۇلى، قاچا كالپۇك ئايلانما بېكىتىش ئۇسۇلى، ئېسىش ئۇسۇلى قاتارلىق تۆت خىل تەجرىبە ئېلىپ بارغان. لېكىن ئەمەلىي كومپاس ياساش جەريانىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدىغىنى بىرىنچى خىل ئۇسۇل بولغان.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ جياجىڭ يىلىدىن ئىلگىرى، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز قاتنىشىدا ئىزچىل سۇ كومپاس ئىشلىتىلگەن، بۇنى ياساش ئاددىي ھەم قولايلىق بولغان بىلەن، ئانچە مۇقىم ئەمەس بولۇپ، كېمىنىڭ چايقىلىشىغا ئەگىشىپ تەۋرىنىپ تۇراتتى. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى كومپاسى 12-، 13- ئەسىردە ئەرەپلەرگە تارقالغان، كېيىن يەنە ياۋروپاغا تارقالغان. كېيىن ياۋروپالىقلار ماگنىت يىڭنىنى مىق ئۇچىغا قويۇپ، ئەركىن ئايلاندۇرۇپ قۇرغاق كومپاس ياسىغان. قۇرغاق كومپاسنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇ كومپاسقا ئوخشاش تۇراقسىز بولماستىن، ئىقتىدارى دېڭىزدا يۈرۈشكە بەك باب كەلگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ جياجىڭ يىللىرىدا ئېلىمىز قۇرغاق كومپاس ئىشلىتىشكە باشلىغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى