قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يىنچۈەن

2018-06-19 16:36:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرى تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر دائىم چىگرا مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىكى غەربى شىمال قەدىمىي شەھىرىنى بىلمەيدۇ. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى گۈزەل سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە دەل پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە، «سەنئەت ساھەسىدىكى ئولىمپىك» ناملىق قوش يىل كۆرگەزمىسى يىنچۈەندىكى ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى 30 دۆلەتتىن كەلگەن 92 نەپەر سەنئەتكار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بۇ كاتتا مۇراسىمنى چوقۇم بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. بۈگۈن بىز بۇ سەھىپىمىزدە يىنچۈەنگە بېرىپ، يىنچۈەندىكى مەنزىرىلىك جايلارنى كۆرۈپ كېلىمىز.

يىنچۈەن بولسا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. يىنچۈەن ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيى ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە «سەنئەت خەۋەرلىرى» نىڭ ئېنگىلىزچە نەشىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن شۇ يىلى يەر شارى بويىچە كۆرگەزمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئالتە يېڭى گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى كۆركەم سېلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ تۇراقسىز ھالىتى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ھەيۋەتلىك سىمۋولى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە لاھىيەلىنىشى 2016- يىلى «ئاسىيا شەھەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

بۈگۈن بىز يەنە داڭلىق بازار «جىنبېيباۋ» كىنو شەھەرچىسىنى كۆرۈپ باقايلى. دەسلەپكى «جىنبېيباۋ» غەربى رايون كىنو شەھەرچىسى «غەربكە ساياھەت» ناملىق تىېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن داڭق چىقارغان. كەچكى شەپەقتە سەيلە قىلسىڭىز، مەيىن شامالنىڭ يۈزىڭىزنى سىيپاپ ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. شەھەر سېپىلىدا قويۇلۇۋاتقان «ئۆمۈرلۈك سۆيگۈ» دېگەن فىلىم، سىزنى فىلىم ئىچىگە ئەكىرىپ كېتەلەيدۇ. ئاددىي ئەمما تەبىئىي مەنزىرىنىڭ ئىنتايىن سېھرى كۈچى بار بولۇپ، خۇددى كەينىڭىزگە ئۆرۈلۈپلا زۈن باۋ بىلەن زى شيا پەرىزاتنى كۆرەلەيدىغاندەك ھېس قىلىسىز.

بىزگە ناھايىتى تەسىر قىلغان بۇ چوڭ ھەجىملىك كىنو دەل نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ «جىنبېيباۋ» غەربىي رايون كىنو شەھەرچىسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان. ئۇ ھەيۋەتلىك خېلەنشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان، يىنچۈەن ۋاگزالى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، خېدوڭ ئايرىدرومى بىلەن 60 كلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەت يولى 110- لىنىيەسى ۋە يىنچۇەن شىمالىي شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن كىنو شەھىرىگە بىۋاستە بارغىلى بولىدۇ. «جېنبېيباۋ» غەربىي رايون كىنو شەھەرچىسىنى داڭلىق يازغۇچى جاڭ شيەنلياڭ 1993- يىلى قۇرغان. ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئاساسىدا پىلانلاش، لاھىيەلەش، ئىجادىيلىق ۋە زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى قوللىنىپ، بىر پارچە قاقاسلىقنى يىنچۈەن شەھىرىدىكى تۇنجى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. بىز كىنو شەھەرچىسىگە كىرىپ ئاۋۋال مىڭ سۇلالىسى شەھرچىسىگە بېرىپ باقايلى.

مىڭ سۇلالىسى شەھرچىسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان نۇرغۇن كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتېرلىرى ۋە نۇرغۇن داڭلىق كىنو كۆرۈنۈشلىرى بار. بۇ يەردە ئەسلى كۆرۈنۈش بويىچە سۈرەتكە تارتقىلى بولۇپلا قالماي، سىزنىڭ چولپان بولۇش ئارزۇيىڭىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. مىڭ سۇلالىسى شەھرچىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ تاشقى شەھەردە ماڭسىڭىز، «يىلىقچى» فىلىمىدىكى مۇھەببەت كىچىك ئىشىكى ۋە يۇمىلاق ئىشىكنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىلىرى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولسا، بۇ بەلكىم سىزنىڭ نەق مەيدانغا ئەڭ يېقىن ئىككى سائەتلىك ۋاختىڭىز بولۇشى مۇمكىن.

چىڭ سۇلالىسى كىنو شەھەرچىسىنىڭ كوچىلىرى تېخىمۇ ئاۋات، خۇددى قەدىمقى بازارغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىسىز. ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان، يوللار ئۆز ئارا تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كەلسىڭىز ئۆزگىچە تۇيغۇدا بولىسىز. شەھەر سېپىلى تېمى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى شەھەرلىرى ئالاھىدىلىكى يەنىلا مۇكەممەل ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. كونا يىنچۈەن كوچىسى ئەسلىدىكى «نىڭشىيا ئۆلكىلىك مىللىي ھۆكۈمەت يەنى»، «ما خۇڭكۇي سارىيى» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرا ئوق قىلىپ، ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى يىنچۈەن شەھەرىنىڭ ئاڭ ئاۋات كوچىسى «سۆگەتلىك كوچىسى» نى ئاساسىي نۇسخا قىلغان. كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 120 مېتىر كېلىدۇ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە شۇ يىللاردىكى داڭلىق دۇكانلاردىن مەسىلەن: «بەيچۈەنخۇي»، «تىيەنچېڭشى»، «خېشىڭخېڭ»، «جىڭيىتەي» ۋە «چوڭ قۇرۇقلۇق مەدەنىيەت جەمئىيىتى»، «داگۇڭباۋ گېزىتى نىڭشيا تارمىقىنىڭ ئورنى»، «باۋجېن سۈرەتخانىسى» قاتارلىقلار؛ دۇكانلار ئىچىدە، يەنە ھەر خىل كىچىك ئاشخانىلارمۇ بار. كوچا ئارلىقىدا يەنە يىنچۈەن شەھىرىدىكى بىر قەدەر چوڭ «قوي گۆشى كوچا ئېغىزى»، «گۈرۈچ شەھىرى كوچىسى» مۇ بار. كونا بازارنى سەيلە قىلسىڭىز، ئالدىنقى ئەسىردىكى كونا يىنچۈەننىڭ ھالىتىنى كۆرگەندەك بولىسىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىر قايتا ئويۇپ چىقىلغان كونا كوچا، بۇ يەرنى كونا يىنچۈەننى ساقلاپ قالغان موزىي دېيىشكىمۇ بولىدۇ، تارىخ دەل مۇشۇ يەردە توختاپ قالغان.

جۇڭگو كىنوچىلىقى مانا بۇ يەردىن دۇنياغا يۈزلەنگەن، «جېنبېيباۋ» غەربىي رايون كىنو شەھەرچىسىدە ھەر خىل كىنو،تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەيدىغان 140 تىن ئارتۇق مۇھىم مەنزىرە رايونى بار. بۇ يەر سىزنى ئېكران چۈشىگە ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ھەقسىز چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر تەرەققىي قىلىپ «دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان شىمالىدىكى كىچىك شەھەر» نىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى ماددىي مەدەنىيىتى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى؛ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىنى قايتا نامايەن قىلىپ بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى