قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۆزى گۈزەل ئايال بولالامسىز؟»

2018-06-21 18:53:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا مەن ئۆزى تەتۈر ئۇستىخانراق كەلگەن، ئاۋازلىرى توم بىر قىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قالدىم، ئانچە- مۇنچە ئەھۋاللاشقاننىڭ ئارلىقىدا بۇ قىزغا يىگىتىدىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى، ئۇ قىز شۇ يەردىلا تېلىفۇننى چىرايلىق ئەھۋال سوراپ ئالدى. يىگىتى بىلەن ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ قىزنىڭ سۆزىدىكى بىر خىل جەلپكارلىق مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ قىزنىڭ ئاۋازى ئۇنچە چىرايلىق، نەپىس بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ قەدەر سىپايە، تەمكىن، لاتاپەتلىك بىر ئاھاڭ قۇلىقىمغا كىرىۋاتاتتى. شۇ كەمگىچە ئاۋازىمنى چىرايلىق ئەمەس دەپ كېلىۋاتاتتىم، لېكىن تۇغما چىرايلىق بولمىغان ئاۋازنىڭمۇ شۇنچە جەلپكار بولىدىغانلىقىنى بايقىمىغان ئىكەنمەن. شۇنداق، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار قىزلار ئاۋازىنىڭ سالماقلىقى، يۇقۇرى تۆۋەنلىكى ۋە سۈرئىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىدۇ، مۇلايىم تىل، يېقىملىق پوزىتسىيە، يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ئىنتۇناتسىيە، سىلىق ئاھاڭ رېتىمى قاتارلىقلار بىرلىشىپ چىرايى ئادەتتىكىچە بولغان بىر قىزنى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل پۇراققا ئىگە قىلىدۇ ۋە جەلپكارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.
گەپ قىلغاندا ئاۋازىڭىزنى كونترول قىلىڭ. ئادەم ئاز ئۆيدە ئاۋاز بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتسە ئۇ شاۋقۇن -سۆرەنگە ئايلىنپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئاۋاز بەك تۆۋەن بولسا قارشى تەرەپ ئاڭلىماي قالىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىقى ئىككى ئادەم بىر- بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىغۇەك دەرىجىدە بولسىلا بولدى. بەك يۇقۇرى ئاۋاز باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويىدۇ. ئاۋاز بەك يۇقۇرى، سوقۇشقاندەك چىقىماسلىقى، ئىنتۇناتسىيە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سالماق ۋە يېقىملىق چىقىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپ سىزنى سەمىمىيكەن دەپ ئويلايدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، تەربىيە كۆرگەن قىزلار ھەرگىز يۇقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدۇ. ھىسياتلىق، مۇلايىم ئاۋاز ئەڭ گۈزەل بولۇپ، ئاۋاز قانچە ھىسسىياتقا باي، قانچە تۆۋەن بولسا، قىزلارغا شۇنچە نازاكەت بېغىشلايدۇ. ئۇلارنى جەلپكارلىققا ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق ئاۋازنى ئاڭلاپلا قارشى تەرەپ ياقتۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، تۆۋەن ئەمما مۇلايىم بولۇش قىزلار ئاۋازىنىڭ گۈزەللىكىدىكى مۇھىم بىر ئامىل.
گەپ قىلغاندا رېتىم تۇيغۇسى بولۇش كېرەك. خۇددى ماشىنا ھەيدىگەندە ئوخشاش بولمىغان يول بۆلەكلىرىدە ئەمىلىي ئەھۋالغا قاراپ ماشىنا سۈرئىتىنى تەڭشىگەنگە ئوخشاش، ئاۋازنىمۇ بولىشىغا قويىۋەتمەي تەڭشەپ سۆزلەش كېرەك. ھەرقانداق سۆھبەتتە ئاۋازنىڭ جاراڭلىقلىقى، ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىنتۇناتسىيەنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى مۇۋاپىق بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. شۇنداق بولغاندىلا سىزنىڭ گېپىڭىز كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئۈنۈمگە ئىگە بولالايدۇ. گەپنى بەك تېز قىلامسىز ياكى ئاستىمۇ؟ بەك تېز سۆزلىسىڭىز باشقىلار چۈشىنەلمەيلا قالماستىن، يەنە سىزنى تەنتەك كۆرسىتىپ قويىدۇ، بەك ئاستا سۆزلىسىڭىز باشقىلارنى گېپىڭىزگە قىزىقتۇرالمايسىز، تېز سۆزلىسىڭىز يەنە ئاڭلىغۇچى سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزغا يېتىشەلمەي قېلىشى مۇمكىن. گەپنى تېزراق قىلسام ۋاقىتتىن ئۇتىمەن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئاڭلىغۇچىنىڭ سۆزلەش مەقسىدىڭىزنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەلۋەتتە ئاستا سۆزلەشمۇ توغرا ئەمەس، بەك ئاستا سۆزلىگەندە ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن باشقا يەنە ئاڭلىغۇچىنى بىزار قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.
گەپ قىلغاندىكى ئىپادىگە دىققەت قىلىڭ. ئىپادە ناھايىتى سەمىمىي، ئوي پىكىر بىر يەرگە مەركەزلەشكەن بولۇشى لازىم. سەمىمىي پوزىتسىيە ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىنى قوزغايدۇ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ساختىلىق، سىپايىگەرلىك بىلەن ھەيۋە قىلىش، قۇرۇق گەپ سېتىش ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قېلىشىمىز مۇمكىن. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چىرايىدا خوشاللىق ياكى تەبەسسۈم جىلۋىلىنىپ تۇرۇش بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىپادە بولۇپ، قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلاشقاندا چىرايىڭىز كۈلۈمسىرەپ تۇرسا ئۇ سىزنى ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقاندا خوشال ئىكەن دەپ قارايدۇ-دە، ناھايىتى كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.
گەپ قىلغاندا ئاۋاز يېقىملىق، سۆزلەر جايىدا، پوزىتسىيە بىمالال بولسۇن. بەزى گەپلەرنىڭ مەزمۇنى گەرچە ئادەمنى ئۇنچىۋالا جەلپ قىلىپ كېتەلمىسىمۇ ئەمما گەپ قىلغۇچىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى