قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خانىم- قىزلارنىڭ كىيىمنىڭ رەڭگى بىلەن خاراكتېرىنىڭ مۇناسىۋىتى

2018-06-21 18:55:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قارا رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلار تۇرمۇشتا  مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا، ئۆزىنى تىزگىنلەشكە ماھىر،  ئۆزىنى دائىم تەنھا ھېس قىلىدۇ.
ئاق رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلار خىلمۇ-خىل رەڭلەردىن بىزار. بۇنداق خانىم- قىزلار ئۆز-ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياكى يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشقا تىرىشىۋاتقان بولىدۇ. ئادەتتە، ئۇلار يوللۇق ئىش قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ئىنتايىن ماھىر بولىدۇ.
قىزىل رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كېيىدىغان خانىم- قىزلار، ئاكتىپ تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە بولۇپ، جاھاندارچىلىقنىڭ يولىنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق، سەمىمىي بولىدۇ.
سېرىق رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلارنىڭ ئادەتتە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولىدۇ. بۇنداق خانىم- قىزلار دوستلىشىشقا ئامراق بولۇپ، بارلىق خۇشاللىقلىرى ۋە قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولغاچقا، ئاسانلا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
كۆك رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلار ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك. ئەمما بەزىدە ئۆزلۈك ئېڭى بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا باشقىلارغا ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ.
ھال رەڭ كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلار ئىشلارغا نىسبەتەن ئەستايىدىل بولۇپ، مۇلايىم ھەم مېھرىبان كېلىدۇ. ئەمما ئاسانلا باشقىلارنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ كېتىدۇ.
بىنەپشە رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە سېزىمى ئۆتكۈر، توغرا بولۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە.
كۈلرەڭ كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلار تۇرمۇشتا سەل پاسسىپ كېلىدۇ.  ئوچۇق-يورۇق مىجەزنى يىتىلدۈرۈش بۇ خىل «مىجەز ئاجىزلىقى» نى يېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
قوڭۇر رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان خانىم- قىزلار  ئېھتىياتچان بولۇپ، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى