قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەكككۇر ئۇنچىلىرى

2018-06-26 10:58:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋەتەن، سەن غۇرۇردىن پۈتكەن مۇقەددەس دەرەخسەن! ھەربىر جۇڭخۇا پەرزەنتى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يىلتىزىڭدىن تىنماي سۇ ئىچىدۇ ۋە ئوزۇق ئالىدۇ. ئۇلار كۆككە مەغرۇر بوي سوزغان مۇستەھكەم غوللىرىڭنى ئۆزىگە ئەڭ كۈچلۈك تايانچ قىلسا، تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان باراقسان شاخلىرىڭدىن يېڭىلمەس كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ؛
  ياپيېشىل ياپراقلىرىڭدىن ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلسا، رەڭگارەڭ گۈل-چېچەكلىرىڭنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن كەلگۈسى گۈزەل ئىستىقبالغا يول تاپىدۇ؛ شېرىن-شەربەت مېۋىلىرىڭدىن ئۆملۈك-ئىناقلىق، خاتىرجەملىكنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرسە، كۆككە بوي سوزغان ئاشۇ مەغرۇر تۇرقۇڭدىن چوڭقۇر ئىشەنچ، يىمىرىلمەس غۇرۇر ۋە مۇستەھكەم ئەقىدە-ئېتىقادقا ئىگە بولىدۇ. سەن ئەنە شۇنداق بۈيۈك سىمايىڭ بىلەن مىليونلىغان ئوغۇل-قىزلىرىڭنىڭ يۈرىكىگە نۇرلۇق ئابىدىدەك مەڭگۈلۈك كەشتىلەنگەن.
 ۋەتەن − ھەممىمىزنىڭ قەلب تۆرىگە، يۈرىكىگە نەقىشلەنگەن، ۋەتەن بىزنىڭ قەلب سۆيگۈمىزدە. ۋەتەن دېمەك بىز دېمەك، ۋەتەن دېمەك ھەممىمىز دېمەك. «ئانا ۋەتەن، ئانا يۇرتىمىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە، بىزنىڭ چۈشىمىزدە، بىزنىڭ ناخشا-كۈيلىرىمىزدە، بىزنىڭ قەلبىمىز ھامان ۋەتىنىمىز، يۇرتىمىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. بىزنىڭ بارلىقىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ، يۇرتىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ئاتالغان.»

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى