قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق ھەققىدە ئېيتىلغان ئىبارىلەر

2018-06-27 17:59:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

* ئىتتىپاقلىق دېگىنىمىزدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ساۋاقداشلار، دوست-بۇرادەرلەر ئىتتىپاقلىقى، خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، قوشنا-قولۇم، يۇرتداشلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى قايسى جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق بولسۇن، ئۇ، ھاياتلىق مۇساپىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئىتتىپاقلىق ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىمىز، ھەتتا ھەربىر تىنىقلىرىمىزغىچە ھەمراھ بولىدىغان ھەم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ تۇيغۇ.
* مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەمئىيەت ئامانلىقى ھەم تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ كاپالىتى. ئىتتىپاقلىق بۈيۈك بىر كۈچ، ئۇ، ھەممىمىز ئۈچۈن ماددىي ھەم مەنىۋى قۇۋۋەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلب ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچى، مېھىر بۇلىقىنىڭ كۆزى.
* ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك، ئۆگىنىشىمىزنىڭ نەتىجىلىك، تۇرمۇشىمىزنىڭ خاتىرجەم، ئىشلىرىمىزنىڭ راۋان بولۇشى، پىلانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئاساسى. ئىتتىپاقلىق بىر گۈزەل ئەخلاق، ئۇ كۈندىلىك ئۈگىنىش، خىزمەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەريانىمىزغا ئادەت سۈپىتىدە ئومۇملاشقاندا، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، مىننەتدارلىق، يول قويۇش بىزنىڭ خاراكتېرىمىزگە سىڭىپ كېتىدۇ، شۇندىلا بۇ دۇنيا نۇرغا تولىدۇ.
* كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۈگىنىش داۋامىدا بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قىلىۋاتقان ياردىمىدىن ئايرىلالمايمىز، بىز نۇرغۇن نامسىز كىشىلەرنىڭ ئۈن - تىنسىز سىڭدۈرۈۋاتقان ئەجرىدىن، سۇنۇۋاتقان ياردىمىدىن، مىننەتسىز تۆھپىسىدىن، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ مەدىتىدىن بەھرىلىنىپ كېلىۋاتىمىز. مانا بۇ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئېجىل-ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى