قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئادەمگىياھ مۇزىيىدىكى قەدىمىي ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتى

2018-06-28 13:14:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاڭبەيشەن تېغىنىڭ ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتى تاغ ئادەمگىياھىنى كولاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ جۇڭگونىڭ ئادەمگىياھ ماكانى--جىلىن ئۆلكىسى فۇسۇڭ ناھىيەسىگە تارقالغان. «تىنچلىق پادىشاھى» ناملىق قەدىمىي كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن، شەرقىي شىمالدا ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى قەبىلىلەردىن ئوردىغا قىلغان ئاساسلىق سوۋغاتلىرى ئىچىدە ياۋا ئادەمگىياھ بار ئىكەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، چاڭبەيشەن تاغلىق رايونىدا ياۋا ئادەمگىياھ كولاش كۆلەملىشىپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلانغان.
جىلىن ئۆلكىسىنىڭ فۇسۇڭ ناھىيەسى ئەزەلدىن جۇڭگو ئادەمگىياھى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق ئادەمگىياھ تېرىش تارىخىدا ئادەمگىياھ ھېكايىسى، ئادەمگىياھ كولاش ئادىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە ئادەمگىياھ مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن، مەزمۇنى ئىنتايىن مول. 1995- يىلى فۇسۇڭ ناھىيەسىگە «جۇڭگو ئادەمگىياھى ماكانى» دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن، ھازىر ئادەمگىياھ كەسپى يەنىلا جىلىن ئۆلكىسى فۇسۇڭ ناھىيەسىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ قالدى.
فۇسۇڭ بازىرى شىمالىي يېڭى رايونى ئادەمگىياھ يېزىسىنىڭ چوڭ يولىغا جايلاشقان ئادەمگىياھ مۇزىيىغا كىرگەندە، سۈزۈك تامدىكى «ئادەمگىياھ» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. فۇسۇڭ جۇڭگو ئادەمگىياھى مۇزىيى تەبىئەت ئىلمى مۇزېيىغا تەۋە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3240 كۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 2800 كۋادرات مېتىر، ساراي ئىچىدە ساقلانغان بۇيۇملار 5مىڭ 131 دانە بولۇپ، ھەرخىل رەسىملەر 200 پارچىدىن ئاشىدۇ، تاختا يېزىق ئون مىڭ خەتكە يېقىن. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت بويىچە 3- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 30 ئى بار؛ كۆرگەزمە بۇيۇمى مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار ئاساسلىقى ئادەمگىياھ كولاش، تىكىش، ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاپ ئىشلەش، بازار سودىسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ماددىي بۇيۇملار؛ فۇسۇڭنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى؛ ھەمدە ھەر خىل شەكىلدىكى ئادەمگىياھ ئەۋرىشكىسى، ئادەمگىياھ مەھسۇلاتى ۋە ئادەمگىياھ مەدەنىيىتى جەھەتتىكى سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھەقىقىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى، يازما تونۇشتۇرۇش، سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، جۇڭگو ئادەمگىياھىنىڭ ئىشلىتىلىش تارىخى، قېزىلىش تارىخى، ئۆستۈرۈش تارىخى، پىششىقلاپ ئىشلەش تارىخى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چاڭبەيشەن تېغى ئادەمگىياھى مەدەنىيىتى مەركەزلىك ۋە سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلغان.
جۇڭگو ئادەمگىياھ مۇزېيىدا نۇرغۇن قىممەتلىك بۇيۇملار بار، مەسىلەن، جۇڭگودىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئون مىڭ يىل ئىلگىرى ئىنسانلار ئىشلەتكەن «قارا تاش»؛ ئېغىرلىقى 2 جىڭ 7 سەر كېلىدىغان «چۆل ئادەمگىياھ پادىشاھى» ئەۋرىشكىسى؛ يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتى بويىچە «ئادەمگىياھ ئۈزۈش قۇرالى» قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ئادەمگىياھ مۇزېيىغا تەۋە «مۇزىي گۆھىرى»-- ئۆسكىنىگە 200 يىلچە بولغان ياۋا ئادەمگىياھ ئەۋرىشكىسى.
ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئادەم ئاياق باسمىغان، سېسىق پۇراق قاپلىغان، ھەممىلا يەردە ياۋايى ھايۋانلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرىدىغان بولۇپ، ياشاش شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئادەمگىياھ كولىغۇچىلار ھەر يىلى تاغدىكى ئورمانلىقتا ئۇدا تۆت ئايدىن ئارتۇق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك ۋە ياشاش ئۈچۈن، ئادەمگىياھ كولىغۇچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى بەزى قائىدىلەر بويىچە چەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. تاغقا چىقىش ئادىتى بۇرۇنلا فۇسۇڭنىڭ ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتى ۋە قائىدىسىگە ئايلىنىپ، روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ- ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى كونا بىر ئەۋلاد ئادەمگىياھ كولىغۇچىلار بۇ قەدىمىي ئۆرپ- ئادەتلەرگە يەنىلا ئاڭلىق رىئايە قىلماقتا. «چاڭبەيشەن ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتى» بويىچە يارىتىلغان بىر يۈرۈش شام ھەيكەللەر ئادەمگىياھ مۇزىيىدىكى يادرولۇق كۆرۈنۈش بولۇپ، بۇ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش جەريانىنى جانلىق نامايەن قىلغان.
ئادەمگىياھ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتىدىن يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى-- چاڭبەيشەن ئادەمگىياھ ھېكايىسى دىگەندەك نۇرغۇن تارىخىي قىممەت ۋە ئادىمىيەت قىممىتىگە ئىگە تۈرلەر بارلىققا كەلگەن، ئادەمگىياھ مۇزىيىغا خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنىدىغان ئىككى سېرىق نەشپۈت ياغىچى ھەيكىلى قويۇلغان بولۇپ، ئۇ تاغ ئادەمگىياھى پادىشاھى ۋە قېرى ئاتاماندىن ئىبارەت، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ ئىككى ھەيكەل تاغقا چىققۇچىلار ۋە ئادەمگىياھ تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە نەچچە يۈز يىل تۇرغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، «تاغ ئادەمگىياھى ئىلاھى» ھەيكىلى «قېرى ئاتامان» ھەيكىلىدىن روشەن پاكار بولۇپ قالغان، بۇ ھېكايە چاڭبەيشەن تاغلىق رايونىدا كۆپ يىل تارقىلىپ يۈرگەن.
ئادەمگىياھ مۇزېيدا يەنە بىر گۇرۇپپا 100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە «ئادەمگىياھ ئۈزۈش قۇرالى» ساقلانغان، زەنجىرلىك گۆھەر كالتىكى، تېز كولىغۇچ، كالتەك قۇلۇپ، تېز چاناش پالتىسى، تېز كېسىش ھەرىسى، تېز كېسىش قايچىسى، تېز كولاش گۈرجىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمگىياھ كولاشنىڭ قوشۇمچە قۇراللىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، ساپ تەبىئىي شەكىللەنگەن، ئالاھىدە چوڭ بولغان ۋە سۈنئىي پەرداز قىلىنمىغان «ئادەمگىياھ قىز» ناملىق يىلتىز ئويمىسىنى ساراي ئىچىدىكى قىممەتلىك بۇيۇم دېيىشكە بولىدۇ.
ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتى چاڭبەيشەن تاغلىق رايونىدىكى ئالاھىدە ئۆرپ- ئادەت بولۇپ، چاڭبەيشەن رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى، مۇھىت ئېڭى، قىممەت قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەسىرگە ئىگە. ئۇنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش تارىخى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ باشقا ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلىرىدە ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقارادىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ دىققىتىنى ۋە تەتقىقاتىنى قوزغىدى. چاڭبەيشەن تاغلىق رايونىدىكى ئۆزگىچە ئادەمگىياھ كولاش ئۆرپ- ئادىتىنى قېزىش، قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بېيىتىپلا قالماي، بەلكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقىمۇ تۆھپە قوشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى