قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

2018-06-28 21:27:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىرىنچى، كۆپ تۇرۇپ بېرىڭ. ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغانلار ئاسان قورسىقىغا گۆش يىغىۋالىدۇ. بىر كۈن سەككىز سائەت كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ناھايىتى ئاز ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. چۈشتە تاماق يەپ بوپلا ئۇخلايدۇ. بۇنداق بولسا ئەلۋەتتە سەمىرىدىغان گەپ. شۇڭا چوقۇم ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئورۇندىن تۇرۇپ پۇت قوللارنى سوزۇپ، بەللەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن چۇقۇم مېڭىپ بېرىش كېرەك.
ئىككىنچى. كۆپ سۇ ئىچىشنىڭ پايدىسىنى ھەممىمىز بېلىمىز، ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئېچىش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك، ئەگەر چۈشتە مايلىق تائاملارنى ئىستېمال قىلغان بولساق چوقۇم كۆپرەك سۇ ئىچىشىمىز كېرەك. سۇنى جىق ئىچكەندە، تازىلىق ئۆيىگە كىرىدىغان قېتىم سانىمۇ كۆپىيىدۇ. ئورۇندىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان پۇرسەتمۇ كۆپىيىدۇ.
ئۇچىنچى، كۆپۈنچە خانىم- قىزلار پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئادەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ ھەرىكەت قان تومۇر ۋە نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ. ئەسلىدىلا ئولتۇرغاندا قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلىشىپ، مايلار يىغىلىپ قالىدۇ، ئەگەر يەنە قان تومۇر ۋە نېرۋىنى باسسا، تېخىمۇ سېمىرىپ كېتىمىز.
تۆتىنچى، قورساقنى ئۇۋۇلاپ بېرىش. قورساقنى ئۇۋۇلاپ بېرىش تولىمۇ ياخشى بىر تاللاش، خانىم- قىزلارنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئوڭ قولىڭىز بىلەن قورسىقىڭىزدىكى گۆش بار يەرنى بېسىپ تۇرۇپ، بىر ئاز كۈچەپ تۇرۇپ سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى بويىچە ئۇۋىلاڭ، بىر ھازادىن كېيىن، يەنە بىر ئاز كۈچەپ ئۇۋىلاڭ، مۇشۇ تەرىقىسىدە گۆشلىرىڭىز قىززىغىچە ئۇۋىلاپ توختىتىڭ. بۇ ھەرىكەتنىڭ ماينى ئېرىتىشىغا پايدىسى بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى