قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەخت دېگەن نېمە؟

2018-06-29 12:46:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كەنتتىكى ئۈچ بالا بىللە قوي باقىدىكەن. ئۇلار بىر- بىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىكەن ھەم دائىم قويلىرىنى كەنتتىن ئىنتايىن يىراق بولغان بىر ئورمانلىققا ئاپىرىپ بىللە باقىدىكەن. ئورمانلىق ئىچىدە بىر كونا بۇلاق بار بولۇپ، سۈيى ئاللىبۇرۇن قۇرۇپ كەتكەن ھەم بۇلاقنىڭ ئاغزىغا قۇرۇق شاخ- شۇمبىلار دۆۋىلەپ قويۇلغان ئىكەن.
بىر كۈنى، بىر پادىچى بالا:
- كېلىڭلار، بىز بۇ كونا بۇلاقنى تازىلاپ قويايلى، يەنە ئازراق كولىساق سۇ چىقىشى مۇمكىن. قانداق دەيسىلەر؟- دەپتۇ.
ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خۇشاللىق بىلەن «ماقۇل» بولۇشۇپتۇ.
ئەتىسى، ئۇلار كەتمەن، گۈرجەكلىرىنى ئورمانلىققا كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ، ھېلىقى كونا بۇلاقنى تازىلاشقا باشلاپتۇ. ئۇلار بۇلاق ئېغىزىدىكى شاخ-شۇمبىلارنى ئېلىپ، بۇلاق كۆزىنى توسىۋالغان غازاڭلارنى تازىلاپ، بۇلاق سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈزۈك بۇلاق سۈيى كۆپۈكچىلەر ئارىسىدىن ئېقىپ چىقىپ، تىگى قۇم بوپ كەتكەن كىچىك كۆلگە قۇيۇلۇپتۇ. بالىلار بۇلاق سۈيىنىڭ ئېقىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپتۇ.
ئەتىسى، ئۇلار يېقىن ئەتراپتىن تاش توشۇپ كېلىپ، بۇلاق ئېغىزىنىڭ ئەتراپىغا قويۇپتۇ ھەمدە بۇلاق سۇپىسىنىڭ بىر تەرىپىدىن چىقىش ئېغىزى ئېچىپتۇ، بۇلاققا توپا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، يەنە بىر پارچە يوغان تاش بىلەن كىچىك قۇدۇقنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ قويۇپتۇ.
ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان بۇلاق بېشىدىكى تاشتا بۇلاق سۈيىنىڭ ئاستا- ئاستا كىچىك تاش قۇدۇققا يىغىلىپ توشۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپتۇ.
دەل شۇ چاغدا، ئورمانلىق ئىچىدىن بىر ساھىپجامال قىز چىقىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ تۈپتۈز ئالتۇن رەڭ چاچلىرى تاپىنىغا چۈشۈپ تۇرىدىكەن. بېشىدىكى ئاق رەڭلىك گۈللەردىن ياسالغان گۈلچەمبىرىكى بەكمۇ ياراشقانىكەن.
- ياخشىمۇ سىلەر، بالىلار! سۈيىڭلاردىن ئىچسەم بولامدۇ؟- دەپ سوراپتۇ ساھىپجامال.
- ئىچىڭ،- دەپتۇ بالىلار،- بىز باشقىلارنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن بۇ قۇدۇقنى ياسىغان.
قىزچاق ئېگىلىپ تۇرۇپ، قۇدۇق سۈيىدىن ئوچۇملاپ ئېلىپ، ئۈچ يۇتۇم ئىچىپتۇ.
- مەن ئۈچۈڭلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۈچ يۇتۇم سۇ ئىچتىم- دەپتۇ ساھىپجامال قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
ئۇ بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن يەنە:
- سىلەر ئىنتايىن ياخشى ئىش قىپسىلەر. مەن ئورمانلىق ۋە ئورمانلىقتىكى بارلىق جان- جانىۋارلار، ئوت- چۆپ، گۈل- گىياھلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. بەختلىك بولغايسىلەر! خەير- خوش!- دەپتۇ.
بالىلار بىر- بىرىگە قارىشىپ تەسىرلىنىپتۇ ۋە تېخىمۇ خۇشال بولۇشۇپتۇ. ئارىدىن بىر بالا بۇ ناتونۇش قىزدىن:
- سىز بىزگە بەخت تىلىدىڭىز، ئەمىسە بەخت دېگەن نېمە؟- دەپ سوراپتۇ.
- بۇنى ئۆزۈڭلار چۈشىنىۋېلىڭلار، يەنە ئون يىلدىن كېيىن، مۇشۇ يەردە، مۇشۇ قۇدۇق بېشىدا كۆرىشەيلى. ئەگەر شۇ چاغقىچىمۇ بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمىسەڭلار مەن سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن.
قىزچاق شۇنداق دەپتۇ- دە، قانداق تۇيۇقسىز كەلگەن بولسا، شۇنداق تۇيۇقسىز غايىپ بوپتۇ.
بالىلار ئەجەبلىنىپ بىر- بىرىگە قارىشىپ قاپتۇ. ئارىدىن بىرەيلەن: - ئەمىسە بىز ئايرىلىپ ئۆزىمىز خالىغان تەرەپكە ماڭايلى ۋە بەختنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىپ كېلەيلى. مەن شەرق تەرەپكە قاراپ ماڭاي،- دەپتۇ.
- مەن غەرپ تەرەپكە ماڭاي،- دەپتۇ يەنە بىر بالا.
- ئەمىسە مەن كەنتتە قالاي،- دەپتۇ ئۈچىنچى بالا،- بەلكىم مەن مۇشۇ يەردە بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يېتىشىم مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپكە قاراپ مېڭىشىپتۇ.
ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپتۇ. ئۇلار يەنە شۇ كىچىك قۇدۇق بويىدا ئۇچرىشىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈچىلىسى ناھايىتى قاۋۇل، ساغلام يىگىتلەرگە ئايلانغان ئىكەن. سۈزۈك بۇلاق سۈيى ھېلىھەم شۇنداق تىنچ ئېقىپ تۇرغۇدەك. كىچىك قۇدۇق ئەتراپىدىكى دەرەخ مايسىلىرى بولسا ئاللىبۇرۇن بۈك- باراقسان دەرەخلەرگە ئايلىنىپتۇ.
قۇدۇق ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك يوللار پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاياق ئىزلىرىدىن كشىلەرنىڭ قۇدۇققا سۇ ئىچكىلى ۋە سۇ باشلىغىلى كېلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەتراپتىكى قۇملۇقتا يەنە ھايۋانات، قۇشلارنىڭ ئىزلىرى، ئوتلاقلاردا بۇغا ۋە توشقانلارنىڭ قاچقان ئىزلىرى تۇرغۇدەك. ئۈچ يىگىت ھەممىگە خۇشاللىق بىلەن قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزلىرى قىلغان كىچىككىنە ئىشىنىڭ باشقىلارغا ناھايىتى چوڭ نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى ھېس قىلىشىپتۇ. ئۇلار يەنە شۇ بۇرۇنقى تاشتا ئولتۇرۇپ، ھېلىقى گۈزەل ساھىپجامال قىزنى ئەسلىشىپتۇ. ئەمما، ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ.
- سىلەر مېنىڭ بۇ ئون يىلدا نېمىلەرنى قىلغانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟- دەپ گەپ باشلاپتۇ بىرىنچى يىگىت،- بىز ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن بىر شەھەرگە بېرىپ، ئوقۇشقا كىردىم، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. مانا ھازىر دوختۇر بولدۇم.
- سەن بەختنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندىڭمۇ؟- دەپ سوراپتۇ يەنە بىرى.
- چۈشەندىم. بۇ ناھايىتى ئاددىيكەن. مەن كېسەللەرنى داۋالىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلسە، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلدىم. باشقىلارغا ياردەم بېرەلىگەنلىكنىڭ ئۆزى بىر بەختكەن.
- ھەئە،- دەپ سۆزلەپتۇ ئىككىنچى يىگىت،- مەنمۇ نۇرغۇن جايلارغا باردىم، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىم، پويىزدا، پاراخوتتا ئىشلىدىم. ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بولدۇم، گۈلچىمۇ بولدۇم. يەنە تېخى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلدىم. پەقەت سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىسەكلا، باشقىلارغا كېرەكلىك ئادەم بولىدىكەنمىز. ئەمگىكىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن.
- ئۇنداقتا سەنچۇ؟- دەپ سوراپتۇ ئىككىلىسى تەڭلا كەنتتە قالغان دوستىدىن.
- مەن يەر تېرىدىم، پىشقان بۇغدايلىرىم بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزدۇم. مەنمۇ ئەمگىكىمنىڭ زايا كەتمىگەنلىكىدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن- دېدى ئۈچىنچى يىگىت.
دەل شۇ چاغدا، تۇيۇقسىز ساھىپجامال قىزچاق پەيدا بوپتۇ. ئۇ ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەن ئىكەن، يەنە شۇ ئالتۇن رەڭ چاچلىرى، بېشىدىكى گۈلچەمبىرىكى بىلەن شۇنچىلىك گۈزەل تۇرۇپتۇ. ئۇ يەنە شۇنچىلىك كەمتەر، شۇنچىلىك گۈزەل ۋە شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل ئىكەن.
- مەن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىلەر مېنىڭ دېگىنىم بويىچە بۇ يەرگە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەپسىلەر. سۆزلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم. ئۈچىلىڭلار بەختنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق كېلىدىغانلىقى، ئۆز مەجبۇرىتىڭلارنى ئوبدان ئادا قىلىپ، باشقىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىش ئارقىلىق بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپسىلەر،- دەپتۇ.
- سىز كىم؟- دەپ سوراپتۇ ئۈچ يىگىت تەڭلا.
- مەن پاراسەتلىك قىز،- ئۇ شۇنداق دەپتۇ- دە، غايىپ بوپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى