قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەن ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ئىبارىلەر

2018-06-29 22:29:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مېنىڭ ۋەتىنىم جۇڭگو! مەن بۇ ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر جۇڭگو پۇقراسى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس مېھنىتى تۆكۈلگەن سەددىچىن بويلىرىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ئۆگزىسى دەپ ئاتالغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە بولغان كەڭ زېمىننىڭ مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى ھەر قاچان يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا توختىماي يېلىنجايدۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ سۆيۈملۈك، پەخىرلىك نامى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىغاندا ئۆزۈمىزنى گويا كۆپكۆك ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاققۇلاردەك ھېس قىلىمىز.
پامىر ئېتىكىنىڭ سالقىن شامىلى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ يامغۇرلۇق ھاۋاسى، تەكلىماكان بوستانلىقىنىڭ قۇرغاق ھاۋاسى جىسمىمىزنى، شۇنداقلا مىليونلىغان ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جىسمىنى ھەم قەلبىنى تاۋلاپ يېتىشتۈرگەن، شۇڭا ۋەتەننىڭ نامى قەلبىمىزدە مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئۆلمەس ئابىدە!
قەدىرلىك دوستلار، بىز ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدىن شۇنداق بىر ئورتاقلىقنى، مېھرىبانلىقنى ۋە كۈچ- قۇدرەتنى تاپالايمىز. ۋەتىنىمىز قۇدرەت تېپىپ قەد كۈتۈرگەندە ھەممەيلەن بەختىيارلىق شادىيانىسىنى تەڭ ياڭراتتۇق. ئىسلاھات مارشىنى ياڭراتقاندا ھەممەيلەن ھەر ساھە، ھەر سەپتە ۋەتەننىڭ يېپ-يېڭى گۈزەل مەنزىرىسىنى بىرلىكتە ياراتتۇق. ئىللىق ۋەتەن قوينىدا ئىناقلىق، تەرەققىيات يولىنى ئورتاق بەرپا قىلدۇق.
ۋەتەن، يۇرت شۇنداق مۇقەددەس تۇپراقكى، ئۇنىڭ تاش تۇپراقلىرى، گۈزەل تاغ-دەريالىرى، ھەتتا ئۇنىڭ زەرىچە تۇپىسىمۇ بىز ئۈچۈن تۇتىيادۇر. ۋەتەن، يۇرت ھەققىدە ياڭرىغان گۈزەل كۈيلەر ئىچىدە شۇنداق بىر ئىسىل ناخشا، ھەر دائىم بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى چېكىپ كەلمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى