قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالا تەربىيىسىدە بەختكە تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى

2018-06-29 23:01:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەمىمىزگە مەلۇم ھازىر كۆپىنچە ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى خۇددى ماينىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ناھايىتى ئەتىۋالاپ، بالىلىرى قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ ئۆزى قىلىپ بېرىپ چوڭ قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەتىۋارلاش بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش، جاپاغا چىداش قاتارلىق خاراكتېرلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ.

ھەممىمىز بىلىمىز بەخت غايەت زور تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى. ئەلۋەتتە بۇ سۆزنى بالىلارغا ئېيتىپ بېرىشىمىز كېرەك. مۇشۇ كۈنلەردە بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا يۈكى يوق دېيەرلىك، ئۇلار كىچىكىدىن ماددىي بېسىمدىن خالىي مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، خۇشاللىقنىلا تەكىتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جاپالىق ئىزدىنىشنىڭ ۋە تىرىشىشنىڭ قانداق نەرسىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېيىش كېرەك: بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى بىز تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن، سەنمۇ كەلگۈسىدىكى بەختنى ھەسسىلەپ تىرىشىش ئارقىلىق يارىتىسەن!

قانچىلىك نەتىجە قازانغان ئادەم بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ئۇ بۇ نەتىجىگە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن. دۇنيادا «ئاسماندىن تەڭگە چۈشىدىغان» ئىش ئەزەلدىن بولغان ئەمەس، پەقەت ئادەم بوشاشماي تىرىشىشى ۋە جاپالىق ئىزدىنىش ئىرادىسىگە تايانغاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتالايدۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ھەم شۇنداق. كىممۇ مۇۋەپپەقىيەت يولىغا بىر بىرلەپ سىناقلاردىن ئۆتۈش، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇلاشمىغان؟ بالا نېمىلا دېگەن بىلەن زىھنى ۋە ئەقلى ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش داۋامىدا خۇشاللىق تاپمىقى ئۇنداق ئاسان ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلار ئۆگىنىشتىن خۇشاللىق تېپىشنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ.

بالىلارنىڭ ساغلام ۋە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئۆگىنىش جەريانى ھەقىقەتەن جاپالىق بولىدۇ، ئۆز رايى بويىچە خۇشال ئۆگىنىش ئۇسۇلى بالىنىڭ جاپالىق ئۆگىنىشىگە مۇھتاج بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

موتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ئۆگىنىشنى خۇشاللىق تاپىدىغان ئىش قاتارىدا كۆرمەيدۇ، بىراق شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىش باشقىلار ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناۋاتقان، كىنو كۆرۈۋاتقان چاغدا زېھنىنى يىغىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىشتىن كېلىدۇ.

بەزى بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئەقلىي بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن، شۇنداقلا كىچىكىدىنلا ئاخىرقى نىشاننى بېكىتىپ بولغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش داۋامىدا ئۆزىگە خاس كۆرەش قىلىش نىشانى بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ؛ ئەمما نىشانىنى بېكىتمىگەن بالىلارمۇ يوق ئەمەس، بىراق ئۇلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپكە ياكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنى نىيەت قىلىدىغان قىسقا مەزگىللىك نىشانى بولىدۇ.

مەيلى قايسى خىلدىكى ئەھۋال بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ئۇلار چۇقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئېنىق نىشان بېكىتىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇلار بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىپ تېگىشلىك بەدەل تۆلەيدۇ. ھەر قانداق بالا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىپ، جاپالىق تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەندىلا، ئۇلارنىڭ خۇشاللىققا ئېرىشىدىغانلىقىغا چىن پۈتۈشكە تامامەن بولىدۇ.

ئاتا- ئانىلار بالىلارنى تەربىيلەش داۋامىدا ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا بەدەل تۆلەشنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرۈشنى، ئۇلاردا تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، قەتىي بوشاشمايدىغان روھ ۋە مەسۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى تولىمۇ زۆرۈر. بالىلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆگىنىش، ئاتا- ئانىلار ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋاستە بىلەن بۇ ئۇلارنىڭ مەسۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا بالىلاردا تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ئادەت يېتىلىدۇ.

«مول ھوسۇل زىرائەتنىڭ كۆكىدىن بىلىنەر» دەيدىغان گەپ بار. بالىلىقىدا تىرىشىپ ئۆگەنمىگەن، ئېنىق نىشان بېكىتمىگەن، بەدەل تۆلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمىگەن، كۈندە يەپ- ئىچىپ، ئويۇن- تاماشا بىلەن يۈرۈيدىغان ئادەمنىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن بەدەل تۆلەشنى خالايدىغان، تىرىشىشقا بەل باغلايدىغان، جاپالىق كۈرەش مۇساپىسىدە داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە جۈرەت قىلىدىغان ئادەمگە ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ؟

شۇڭا، بالىدا مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى بىلەن مۈشكۈلات ئالدىدا تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرىمىز دېگەندىن كۆرە، ئۇلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان مەسۇلىيەت تۇيغۇسىغا تويۇنغان ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرىمىز دېگەن تۈزۈك، چۈنكى بۇ دەل بالىلارنىڭ ئۆگىنىش داۋامىدا بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم نىشانى.

بالا مۇنەۋۋەر بالىلار بىلەن دوستلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە، ئۇنداقتا مەڭگۈلۈك ئىجابىي تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. بالا بىر توپ مۇنەۋۋەر بالىلار بىلەن بېرىش- كېلىش قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ، مەسىلەن، مەسۇلىيەتنى قەتئىي داۋام قىلىش ۋە باشقا ئادەتلەر؛ يەنە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ؛ ئۇلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە بىللە ئالغا ئىلگىرلەش ئۇلارنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇش يولىغا باشلايدۇ.

ئاخىرىدا بالىلارغا يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بەخت جاپالىق كۆرەش بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ نەتىجىسى، بۈگۈنكى تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ نىشانى كېيىن تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈندۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى