قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ ئۆزى ئوينىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى

2018-06-29 23:02:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىلارنىڭ ئۆزىگە بىرەرىنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا مۇھتاج بولۇشى، بىر تەرەپتىن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ھەم ئۇنىڭدىن كىشىلەر بىلەن بىللە ئۆتۈشنى ئۈگىنىپ، تەدرىجىي ھالدا ئىجتىمائىيلىشىشنى ئورۇنلاش جەريانىدۇر. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار مۇشۇنداق ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈگىنىپ، يېڭى شەيئىلەرنى بىلىدۇ، يېڭى ئىقتىدارلارنى ئىگىلەيدۇ.
بالىلارنىڭ ئايىغى چىقىشتىن بۇرۇن، بۇنداق ھىسسيات ئالماشتۇرۇش كۆپرەك ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئادەملەر بىلەن ھېسيات ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش ھەممىدىن مۇھىم ھېساپلىنىدۇ، بالىلار بۇنىڭلىق بىلەن تولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆزى يالغۇز بۇ دۇنيانى چۈشىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمراھلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزلىرى قىزىقىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈگىنىدۇ.
ھازىرقى بالىلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا زىيادە بېقىنىپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپى قاندۇرۇلمىغان ھامان ئاچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدى، بۇ بالىلاردىكى ئادەت خاراكتېرلىك بېقىنىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى بالىنىڭ قىزىقىشىنى بايقاپ، ئۇلارنى شۇ قىزىقىشى بويىچە يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئۆزى ئىزدىنىپ ۋە تەتقىق قىلىشنى ئۈگىتىپ، ئاخىرىدا ھەمراھ بولۇش تىپىدىن يېتەكلەش تىپىغا ئۆزگۈرۈشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، بالىلار ئۆزىگە تەۋە بولغان ئوينايدىغان بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئاجىرىتالايدۇ.
بالىلارغا تاللاش پۇرسىتى بېرىش. ئوخشاشمىغان تاللاشلارنى بالىلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئۆزىنى قارار چىقارغۇزۇش كېرەك. مەسىلەن،« ھازىر بىز كۇبىك ئوينامدۇق ياكى ھېكايە ئاڭلامدۇق؟» دېگەندەك.
قىسقا ۋاقىت ئۇلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا مەسىلىلەرگە مۇستەقىل يۈزلىنىشنى ئۈگىتىش. مەسىلەن،« تېلېفون قىلىۋالاي، ھازىرلا كېلىمەن» دەپ، سەل تۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىڭىزغا بايام كىمنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ، قانداق ئىش بولغاندا ئاندىن تېلېفون قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇڭ، مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۇلاردا تېلېفون ئېلىشنىڭ كونكېرت ئۇقۇمى بولىدۇ.
باسقۇچلۇق ھالدا ئايرىلىش. مەسىلەن، بالىڭىز بىلەن كېڭىشىپ:« ماڭا كۇبىك بىلەن بىر كۆۋرۈك ياساپ بېرىڭ، مەن سەل تۇرۇپ كېلىپ ئوينايمەن» دەڭ. ئاندىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، بالىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئوبدان رەھمەت ئېيتىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئەپچىل تەپەككۇرىنى ماختاپ قويۇڭ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر ئاز ئويناپ، بالىڭىزغا مۇستەقىل ئىجاد قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
مۇستەقىل ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى يېتىلىشتىن بۇرۇن، بالىڭىزغا مۇكەممەل ئويۇن ياكى ھېكايە ئارقىلىق مەلۇم ئىشلارنى ئۈگىتىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيتى بار. مەسىلەن، كۇبىك ئارقىلىق « ئۆي ياساپ، قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلمىغاندا ئاسان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدىغانلىقى، ئۆزىنى قانداق قوغداش، باشقىلارنى قانداق ياردەمگە چاقىرىش» دېگەندەك بىلىملەرنى ئۈگىتىش. قانداقلا بولمىسۇن، بالىلار بىلەن بەزى ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنى ئويناش بالىلارىڭ پىسخىكىلىق يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى