قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشانغانلار  گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

2018-06-29 23:03:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ياشانغانلارنىڭ مۇۋاپىق ياسىنىشى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماستىن بەلكى زېرىكىش ۋە يالغۇزلۇق تۈپەيلى كېلىپ چىققان «يۈرەك كېسىلى» نى يوقىتىدۇ، تۇرمۇشقا ھۆسىن قوشىدۇ. بىر قىسىم ياشانغان ئەرلەر كاستۇم كىيىشكە ئامراق، ئاياللار رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق، ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىل «مەن تېخى ياش» دەيدىغان پىسخىك ھالىتى ئۇلارنى بىر خىل خوشاللىق ۋە قانائەتكە ئىگە قىلىدۇ، ساغلام ھالەتنى ساقلاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكىمۇ پايدىلىق.
تېببىي تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئادەم كەيپىياتى ياخشى بولغاندا، بەدەندىن نۇرغۇنلىغان پايدىلىق بولغان ھورمۇنلار ئاجرىلىپ چىقىدىكەن، بۇ خىل جانلىق ماددىلار بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئەزالارنى ئوكسىگىن ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەزالارنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنى روھلاندۇرىدىكەن، چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنى چېكىندۈرىدىكەن.
يەنە تېببىي ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بايقىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى، راك ۋە روھىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئارىسىدا ياسىنىشقا ماھىر ئەمەس ياشانغانلار % 30 تىن ئاشىدىكەن. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ياشانغانلار ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىكى تۇرمۇش سۈپىتىگە دىقەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مودىغا ئىنتىلىشنى ساغلام تۇرمۇشنىڭ يېڭى تېمىسى قىلىۋالغان. ياشانغانلار باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقماي، ئۆزى ياخشى كۆرگىنى بويىچە ئۆزىنى پەردازلاپ، ئۆز كەيپىياتىنى خوشال تۇتۇپ، ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى كېرەك. بىراق ئاز بىر قىسىم كىشلەر ياشانغاندىن كېيىن، كىيىم كىيىش، ياسىنىشقا سەل قارايدۇ. بەزىلىرى ھەتتا چاچلىرى ئاقىرىپ، چىرايلىرىنى قورۇق قاپلاپ، ئۆزىنى قېرىپ ھالسىزلىنىپ قالغاندەك، ھايات شامى ئۆچۈپ قالاي دېگەندەك ھىس قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ياشقا چوڭايغانسىرى شۇنچە كىيىم كىيىش، ياسىنىشقا دېققەت قىلىش كېرەك. يارىشىملىق كىيىم كىيىش، ياسىنىش ئۆزىنىڭ ئىشەنچ پىسخىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتى ھەم ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. دۇنيا ياشانغانلار تىببىي ئىلمىي جەمئىيىتى: «ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىدىكى ئون موھىم نۇقتا» دا مۇنداق كۆرسەتكەن: ئۆزىنى تاشقى جەھەتتىن پەردازلاپ تۇرماسلىق- دەل ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاشنىڭ باشلىنىشى، ياشانغانلار ئەگەر تاشقى قىياپىتىگە دېققەت قىلسا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، بەلكى پىسخىكا ۋە قىزىيولوگىيە جەھەتتىن ئۆزىگە ۋە ھەمراھىغا ئاجايىپ ئارتۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ قېرىلىقنى كېچىكتۈرۈشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ئامىل. شۇڭا ياشانغانلار ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، ئائىلە قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى چارچاشنى ئازايتىش ياكى ساقلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە روھىي ۋە پىسخىكا جەھەتتە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياسىنىش- تارىنىشقا ماھىر بولۇش، تېرە ۋە چاچلىرىنى ئاسرىشى، تۇرمۇشىنى توختىماستىن جانلاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئاندىن ياشلىق باھارىنى ساقلاپ، ساغلام ياشاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
ياشانغانلار بەدىنىدىكى تۈرلۈك ئىقتىدارلارنىڭ چېكىنىشى تۈپەيلىدىن، ئۆتمۈشتىكى گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن، بىر قىسىم ياشانغانلاردا بىر خىل بۇرۇختۇرمىلىق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل بۇرۇختۇرمىلىق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى ياشانغانلارنىڭ ياسىنىشىدا ئۆز- ئۆزىنى يەكلەپ قويىدۇ، ھەمىشە ياشانغانلارنىڭ كىيىمى ياشانغانسىرى ئاددىي رەڭلەر بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇرمۇشتا ئەنئەنىۋى رەڭلەرنى ساقلاپ قالىدۇ، ئائىلىدە بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە تاماق ئېتىپ «ئاشپەز» بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم ياسىنىشقا ئامراق ۋە كوللىكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئامراق كىشىلەر روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىپ ناھايىتى ياخشى ھالەتنى ساقلايدۇ.
مۇۋاپىق ھالدا رەتلىك كىيىنىش ۋە ساغلام، دوستانە پائالىيەت ھازىرقى زاماننىڭ تەلىپى بولۇپ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، ياشانغانلارنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ، روھلاندۇرۇپ، «كەچكى شەپەقنىڭ گۈزەللىكى» نى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئالغا ئىلگىرلەش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ روھىي، نېرۋا، ئىچكى ئاجراتما ھەم ئىممونىتېت كۈچى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ياشانغانلارنىڭمۇ گۈزەللىكنى ياخشى كۆرۈش ھوقوقى بار. كەڭ قورساق بولۇش ھەمىشە ياشانغانلارنى ياشلاردەك ھېس قىلدۇرىدۇ، «مەن تېخى ياش» دەيدىغان روھىي ھالەت ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى پايدىلىق. ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى ئەمەلىيەتتە ياشلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئوخشاشلا دەۋرگە خاس مىجەز ۋە زامانىۋىلىق تۇيغۇسى بولىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ئۇقۇمىنى توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. شۇڭا نەچچە يىلدىن بېرى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان ياشانغانلارنىڭ مودا كىيىملىرىنى كۆرسىتىش ئەترىتى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ياشانغانلار مودا كىيىملەر مۇسابىقىلىرىدە جەۋلان قىلىپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان ياشانغانلار گەرچە ياشلىق دەۋرى كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆزىنىڭ ياشانغانلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، سالاپەتلىك، پىشىپ يېتىلگەن قەددى- قامىتى، پاكىزە ئاقارغان چاچلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق گۈزەلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.
شۇڭا نۇرغۇنلىغان ياشانغانلار ئەندىشىنى تۈگىتىپ، گۈزەل ياشاش، زامانىۋى ياسىنىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشى، ئۆزىنىڭ مىجەز- خارەكتىرىگە، قىياپىتىگە ماسلاشقان، دەۋر پۇرىقىغا ئىگە كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ياشانغانلاردا ياشلاردا بولمىغان بىر خىل ئىچكى مەزمۇن بار بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئەۋزەللىكى.
رەڭگارەڭ دۇنيادا گۈزەللىكمۇ رەڭگارەڭ بولىدۇ. ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، بالىلىق دەۋرىدىكى گۈزەللىك ئەمدىلا تىلى چىققان ۋاقىتتا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى گۈزەللىك ساددىلىق، شوخلۇقتا، يېتىلگەندىن كېيىنكى گۈزەللىك ئەقىل- پاراسەتتە، ياشانغاندىكى گۈزەللىك بېشىدىن كۆپ ئىسسىق- سوغۇق ئۆتكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. ياشانغانلارنىڭ گۈزەللىكى، دەرۋەقە ھاياتنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى زۆرۈر بولغان بىر خىل ئاكتىپ ھالەت، ساغلام بولغان ياخشى كەيپىيات. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۈزەللىك ئۇلاردىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا ياشانغاندىمۇ تاشقى قىياپىتىڭىزگە خۇددىي بۇرۇنقى ياش ۋاقىتلىرىڭىزدەكلا ئەھمىيەت بېرىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى