قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەنزىرە رايونلىرى بىخەتەرلىك «مۇداپىئە توسىقى»نى مۇستەھكەملىدى

2018-06-29 23:19:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تيانشان سەپىرى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە باركۆل ناھىيەسىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى.
ياز كىرگەندىن كېيىن، باركۆل ئىسسىقتىن ساقلىنىپ، سالقىندايدىغان ياخشى جاي سۈپىتىدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالدى. يېقىندا، باركۆل»فۇلېيخەي« مېھمانخانىسى ئالدىدىكى «قۇياش نۇرى باغچىسى»نىڭ ياغاچ ئاسما يولىدا رېمونتچىلار ئاسما يولنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بوشاپ كەتكەن مىخ ۋە تاختايلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ دەرھال مۇستەھكەملىدى.
باركۆل ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جيەنرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلى كىرگەندە، ساياھەت ئىدارىسى پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتە »گاۋجياخۇ« سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدىكى توغاندا كىچىك سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرغان ساياھەتچىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيمەيدىغانلىقىنى، ساياھەت ۋېلىسىپىتلىرىنى ساياھەت تاشيولىدا مىنىۋاتقانلىقىنى، ھەممىسىدە مەلۇم دەرىجىدە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقىغان ھەمدە نەق مەيداندا ساياھەت مەنزىرە رايونى خوجايىنلىرىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش كىيىمىنى كىيىشىنى، ۋېلىسىپىتنى تاشيولدا مىنمەسلىكىنى شۇنداقلا خوجايىنلارنىڭ بۇ ئىشلارنى رەتكە سېلىپ ۋە ياخشىلاپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا، قاتار-قاتار مەنزىرە رايون ئاپتوموبىللىرى ئايلانما تاغ يوللىرىدا تەكشى ھەم ئاستا كېتىۋاتاتتى. فۇكاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى گو لياڭ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى يولىدا مەنزىرە رايونىدا سۈرئەتنى ئۆلچەش، كۆچمە سۈرئەت ئۆلچەش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئورناتقاندىن سىرت، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى يوشۇرۇن ھادىسە خەۋپى كۆپ بولغان بىر قىسىم يول ئېغىزلىرىدا يەنە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
بۇنىڭدىن باشقا، بوغدا كۆلى سەيلىگاھى، سۇ ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىقلار سەيلە كېمىسىنى سۇغا چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپەتلىرى خەۋپىنى تەكشۈرۈشتىن تارتىپ سەيلە كېمىسىدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇش، ئېنىرگىيە ئەسلىھەلىرىنى دائىملىق تەكشۈرۈشكىچە قاتتىق جايىدا ئىجرا قىلدى.
گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى، ئوت ئۆچۈرۈش، سۈپەت تەكشۈرۈش، يېمەكلىك- دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلىرى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ بىخەتەرلىك بويىچە بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بار- يوقلۇقى، ئويۇن- تاماشا ئەسلىھەلىرىدە كاشىلا بار- يوقلۇقى، يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن- يەتمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. مەنزىرە رايونى ئىستېمال سورۇنلىرى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مال باھاسى قاتارلىق تارماقلار تاۋار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردى.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جىڭ شۆفىڭ مۇنداق دېدى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن باشقا، يەنە تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ھەر يىلنىڭ بېشىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىلىرى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسۇلىيەتنامىسى ئىمزالايدۇ، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىلىرى مەنزىرە رايونى، دېھقانلار ھويلا ئارامگاھى، ساياھەت تىجارەت كارخانىلىرى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسۇلىيەتنامىسى ئىمزالايدۇ، ناۋادا زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بايقالسا، «بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، باھالاپ ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ساياھەت تىجارەت ئورۇنلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئېتىراپ قىلىنغان ساياھەت تىجارەت ئورۇنلىرى «بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمى بويىچە تىجارىتى توختىتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى