قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باركۆل ناھىيەسىدىكى «سوڭفېڭ بىلىم يۇرتى»

2018-06-29 23:20:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ باركۆل ناھىيەسىدىكى «سوڭفېڭ بىلىم يۇرتى» شىنجاڭدىكى يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بىردىنبىر بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ قەدىمىي بىلىم يۇرتى ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە قويۇق بولغان جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش كەيپىياتىنى ساقلاپ كەلدى، بىلىم يۇرتىدىن پات-پات جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.
ئۇ باركۆلدىكى ئەڭ داڭلىق »خەنچىڭ« جەنۇبىي كوچىسى «يۈشۇ» تار كوچىسىنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمىي پۇقرالار ئۆيلىرى بار، ھەر خىل ياغاچ ئويمىلىق دارۋازىلار، ئەمەلدارلار ئۆيلىرى، سودىگەرلەر ئۆيلىرى، تۆگە قوتانلىرى دېگەندەكلەر بۇ تۇرالغۇلارنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى سالاھىيىتى ۋە ئورنىنى نامايەن قىلىپ بېرەتتى.
بىلىم يۇرتىنىڭ ئىچى كەڭرى بولۇپ، مەركىزىي سىزىقنى بويلاپ، 14 ئىمارەت شەرقتىن غەربكە رەتلىك سېلىنغان، چوڭ سارايلار، يەنە ئىككى تەرىپى سىمىترىيەلىك يانداش ئۆي ۋە يانداش سارايلار بار، مانا بۇ دەل كۇڭزىچىلىق ئېقىمىدىكى «جاھاندىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ» قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ھېسابلىنىدۇ.
بىلىم يۇرتىدا چىڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان 200 نەچچە يىللىق باركۆل مائارىپ تەرەققىيات تارىخىي كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ، كۆرگەزمىخانىدا نۇرغۇن ھۆسنخەت ۋە رەسىم، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئىجادىيىتى ھىسابلىنىدىغان، باركۆلنىڭ ئۆزگىچە تاغ- دەريالىرى، ئىنسانلار مەدەنىيىتى، تارىخ، ئۆرپ- ئادەت قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر بار.
«سوڭفېڭ بىلىم يۇرتى» چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ يىللىرىدا قۇرۇلغان. «سۇڭفېڭ بىلىم يۇرتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، داڭلىق ئەدىبلەرنى قەرەللىك ھالدا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاساسلىقى ئەمەلدارلىق ئىختىساسلىقلىرىنى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالا تالىپلارنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان. چيەنلۇڭ يىلىدىن گۇاڭشۇ يىللىرىغىچە، باركۆلدىن 5 قەلەمكەش، 19 تالىپ،47 ھەربىي خىزمەت كۆرسەتكۈچى چىققان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى