قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇرسەت ھەر ۋاقىتتا، ھەر جايدا مەۋجۇت

2018-07-01 21:23:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*پۇرسەت ھەر ۋاقىتتا، ھەر جايدا مەۋجۇت. ئۇ، كۈتۈپ ئولتۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشىپ ئىزدەنگەنلەرگە مەنسۇپ. قانداق ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بولسا، پۇرسەتنى شۇ تەرەپتىن ئىزدەڭ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئۇتۇق قازىنالىسىڭىز باشقىلار سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ، سىزگە قايىل بولىدۇ، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا چامىڭىز يەتمىسە، باشقىلاردىن ئۈگىنىپ، ياردەم سوراپ ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ، شۇندىلا پۇرسەت سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ، مۇۋەپپىقىيەت سىزگە يۈزلىنىدۇ.

 *ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئۆزى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتۇر. ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئاقىلانىلىك. باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش غەمخورلۇق، چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتلەشتۇر.

 * ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ئىشىنىشى لازىم. ئىشەنچ بولغاندىلا قەددىنى روسلىغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا خۇشال ياشيالايسىز. ئىشىلىرىڭىز يۈرۈشىدۇ. *كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى ھېكايىلەرگە چىن قەلبىمىزدىن قۇلاق سالساقلا، كىشىلىك ھاياتنىڭ چىنلىقى ۋە گۈزەللىكىنى بايقىيالايمىز، سۆيگۈ مېھىرگە تولغان قەلب بىلەن دۇنيانى بايقىساق، تولۇپ- تاشقان ئىشەنچىگە تولغان دۇنيانى كۆرەلەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى