قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى

2018-07-02 19:54:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش قەلىبلەرنى ئىللىقلىققا ۋە گۈزەللىككە تولدۇرىدۇ، بۇنداق ياخشىلىق خۇددى باھار كۈنلىرىدە ئېچىلغان گۈلىنىڭ خۇش ھىدىدەك ئەتراپقا ئۆزگىچە خۇشپۇراق تارقىتىپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدۇ، چۈنكى دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەلدۇر.
* باشقىلارغا كۆپرەك ئىلھام بولىدىغان، تەرىپلەيدىغان، يول قويىدىغان سۆزلەرنى قىلىڭ. باشقىلار بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئەھۋاللىشىڭ، كۆڭۈل كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. ئۆزىڭىزگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ ھەم راۋا كۆرمەڭ. ھەر بىر كۈنلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ، ھاياتىڭىزغا ئەھمىيەتلىك ئىزلارنى قالدۇرۇڭ. قولۇڭىزدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ!
* ئادەم ئۆز بەخت- سائادىتىنى توغرا بولغان كىشىلىك نىشان، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقتىن تاپىدۇ. ئىنسان ھاياتىنىڭ چىن مەنىسمۇ، باشقىلار ئۈچۈن قىلالىغان ياردىمىدە، ئۆز غايىسى ئۈچۈن تۈكۈلگەن ساپ تەرىدە، شۇنداقلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشالىغان تۆھپىسىدە ۋە ئىجاد مېھنىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ بىزنى ئادىمىيلىك يولىدا يېتەكلەپ، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىزنى يۈكسەك پەللىگە كۈتۈرىدۇ.
* كىشىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇلى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. تەرەققىي قىلمىغانلىق بىر ئىزىدا توختاپ قالغانلىق بولىدۇ. بىر ئىزىدا توختاپ قالغانلىق ئارقىغا چېكىنگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا بىز ھەر دائىم بىلىمىمىزنى يېڭىلاپ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتىلەيلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى