قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ناشتا قىلمىغان ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتەمدۇ؟

2018-07-03 19:43:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەمنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر نۇرغۇن، خۇددى فىزىيولوگىيەلىك تۇغما كەمتۈكلۈك، مىكروبلىنىش، پارازىت قۇرۇتلارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى دېگەندەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، سەمرىش، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە چۈشۈپ كېتىش، مېتابولىزم ئۈنۋېرسال كېسەللىكى، دىئابېت ۋە ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى ئېشىپ كېتىشلەرمۇ مۇھىم ئامىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. ئەلۋەتتە ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك شەكلى ۋە تاماقلىنىش، يەنى يۇقىرى كالورىيەلىك، يۇقىرى كاربونلۇق ۋە تالاسىز يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىش ئادىتىمۇ خەتەرلىك، مانا موشۇنداق يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك ئادەتلەرنىڭ ئۆتكە تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى زور، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەننىڭ مەلۇم قانۇنىيەتلىرىگە مۇخالىپ.

ناشتا قىلماسلىق تەسىر قىلىدىغان نەرسە ئەقلىي ئىقتىدار ئەمەس، بەلكى چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى، ئەمما قورساق چۈش بولمايلا ئېچىپ كەتسە، ئېچىرقاش تۇيغۇسى چوڭ مېڭىنى كونترول قىلىۋالىدۇ-دە، ئادەمنىڭ چۈشلۈك تاماق يېيىشتىن باشقا ئىشقا قىلچە مەيلى تارتمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا دۆتلىشىپ كەتكەندەك تەسىر بېرىدۇ.

مەيلى تويغىچە ناشتا قىلىڭ ياكى قىلماڭ، بەدەن ئېغىرلىقىدا زور پەرق پەيدا بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. ناۋادا ئورۇقلىماقچى بولساق، بۇ يەردىكى مۇھىم ئامىل بەدەن قوبۇل قىلغان ئومومىي ئېنېرگىيەنى كونترول قىلىش، ئۇنىڭدىن قالسا ھەر ۋاق تاماقنىڭ تەقسىملىنىشىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، تەنھەرىكەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە بارغانسېرى كۈچەيتىش. بەزى كىشىلەر ناشتا قىلمايدۇ، بىراق چۈشتە ھەددىدىن زىيادە كۆپ تاماق يەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر ناشتىدا تاماقنى تويغىچە يەيدۇ، ئەمما چۈشلۈك تاماقنى كۆپ يېمەيدۇ. بۇ خىل ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئورۇقلاش جەھەتتە ئۇنچە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى