قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلايدىغانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

2018-07-03 19:43:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى تۆت پەسىلدە ئورۇقلاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان پەسىل قايسى؟ ئەلۋەتتە ياز پەسلى. سېمىزلىك ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا ياز كېلىشى بىلەنلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئورۇقلاش پىلانىنى باشلىۋېتىدۇ، لېكىن بەزىلەر توغرا بولغان ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىنى بىلمىگەنلىكتىن، بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋېلىدۇ، مەيلى بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى ئورۇقلاش بولسۇن تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىشىمىز لازىم:

1. مۇسكۇللارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش:

ھەرىكەت مىقدارىنى ئاستا- ئاستا كۆپەيتىش، ھەرگىزمۇ بىردەملىك ھاياجانلىنىپ بەك كۆپ ھەرىكەت قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.

2. ئارىلاپ مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش:

بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇزۇن مەزگىلى ئوخشاش بولغان بىرخىل ھەرىكەتنى قىلىۋەرمەسلىك، ھەرىكەت شەكلىنى قەرەللىك ئۆزگەرتىپ تۇرۇش لازىم.

3. ئارام ئېلىش بىلەن ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش:

ھەرگىزمۇ توختىماي ھەرىكەت قىلماسلىق، چوقۇم ھەرىكەت بىلەن ئارام ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش، ھەرىكەتلەرنى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەربىر گۇرۇپپا ھەرىكەتنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن بىردەم ئارام ئېلىش كېرەك.

4. مۇۋاپىق چېنىقىش مۇھىتى تاللاش:

تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى يۇقىرى بولغان جايلاردا بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا ۋاقتىدا بەدەنگە سۇ تولۇقلاش، سۇسىزلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

يۇقىرىدىكى نۇقتىلاردىن باشقا مەيلى بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى ئورۇقلاش بولسۇن ھەممەيلەن چوقۇم ئۆزىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى، بەدەن ساپاسىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەت ئۇسۇللىرىنى تاللىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى