قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كېكىرىكنى توختىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى

2018-07-03 19:44:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كېكىرىك كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ، شۇڭا كېكىرىكنى توختىتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ قويۇش زۆرۈر. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ ساندىكى كېكىرىك بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ، بىراق توختىماي كېكىرىدىغان ئىشمۇ بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا بەزى ئەل ئىچىدىكى ئاددى ئۇسۇللارنى قوللىنىشنىڭ زىيىنى يوق». تۆۋەندە بۇنداق ئاددى ئۇسۇلدىن بىر نەچچىنى تىلغا ئالىمىز:

@ ئۈستۈنكى بەدەننى ئالدىغا سەل ئېگىمىز، ئاندىن شۇ ھالەتتە تۇرۇپ، سۇنى غورتىلدىتىپ ئىچىمىز، بىراق گالغا سۇ تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا خەتەرلىك.

@ يالتىراق خالتىنى ئېغىزىمىزغا چاپلاپ تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم ئېغىزىمىز بىلەن نەپەس ئالىمىز، بۇ ئۇسۇلنىڭ يەنە جىددىيلەشكەن روھىي ھالەتنى پەسەيتىش رولىمۇ بار، شۇڭا ئادەم جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا قوللىنىپ باقسا زىيىنى يوق.

@ بولكا ياكى ھورنان يۇتۇشمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، بىراق ئۇنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، بولمىسا گالدا تۇرۇپ قېلىپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىدۇ.

@ تاكى يەنە بىر قېتىملىق كېكىرىك ئۆتۈپ كەتكىچە ئېغىزنى يۇمۇپ جىممىدە تۇرۇۋېلىش، يەنە باشچىلاپ تىك تۇرۇش، ئەمما يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس.

ئەگەر كېكىرىكنى توختىتىش مۇمكىن بولمىسا، ھەتتا داۋاملىشىش ۋاقتى 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، دوختۇرخانىغا بارماي بولمايدۇ، چۈنكى كۆپ ساندىكى جاھىل كېكىرىك بەزى يامان كېسەللەردىن بىشارەت بېرىدۇ. مەسىلەن: تەتۈر ئايلىنىش مەنبەلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ يېرىلىش مەنبەلىك چوقۇق، يۈرەك قېپى ياللۇغى، ئېلېكتىرولىد قالايمىقانلىشىش ۋە ھېق تۇتۇش مەنبەلىك ھەرخىل نېرۋا سېستىمىسى كېسەللىكلىرى، بۇنداق ۋاقىتتا كېسەلنى تۈپ مەنبەسىدىن ساقايتىش ئۈچۈن داۋالىنىش زۆرۈر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى