قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەن بىزنىڭ قەلب سۆيگۈمىزدە

2018-07-03 11:59:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*ۋەتەن − ھەممىمىزنىڭ قەلب تۆرىگە، يۈرىكىگە نەقىشلەنگەن، ۋەتەن بىزنىڭ قەلب سۆيگۈمىزدە. ۋەتەن دېمەك بىز دېمەك، ۋەتەن دېمەك ھەممىمىز دېمەكتۇر. بىز ھەممىمىز ۋەتەنگە تەۋە، ۋەتەنمۇ ھەممىمىزگە تەۋە، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز 1 مىليارد 300 مىليون خەلققە، 56 مىللەتكە، ھەربىر ئادەمگە تەۋەدۇر... چۈنكى ۋەتەن ئاشۇ ئادەملەرنىڭ تىلىدا ۋە دىلىدا مەڭگۈ يادلىنىدۇ، ئاشۇ ئادەملەردىن ھاسىل بولغان پولات سېپىلدا قوغدىلىدۇ؛ يەنە ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قان- تەرىدە گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ...
*سۆيۈملۈك ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدا بىز ئەزەلدىن ئورتاق ھېسسىيات، چىن، ۋاپادار سۆيگۈدە ئۇيۇل تاشتەك قانداش- قېرىنداش، ئورتاق ئىستىقبال يولىدا يۆلەكداش بولۇپ، ئوخشاش نىشاندا تەڭ ئالغا باسقۇچىلارمىز. بىزنىڭ ئەھدىمىز، ئەقىدىمىز قىسمەت، مۈشكۈلات بورانلىرىدا سىنالغان ۋە تاۋلانغان؛ قان ۋە تەردە يۇيۇلۇپ پاكلانغان؛ ئارزۇيىمىز- ئۈمىدىمىز ئوخشاش. ئېجىل ھەم ئىناق ياشايمىز دەيدىغان ئارزۇ- ئۈمىدىمىز قەلبلەرگە مۇستەھكەم مۇجەسسەملەنگەن، بۈيۈك بىر ئائىلە قۇرۇپ، ۋەتەن- يۇرتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسى ھەممىمىزنىڭ نىشانى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى