قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەن ئانىمىز قۇدرەت تېپىپ قەد كۆتۈرگەندە، ھەممىمىز بەختىيارلىق شادىيانىسىنى تەڭ ياڭراتتۇق

2018-07-03 12:00:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*بىز ۋەتەننىڭ ئىللىق قۇچىقىدا بىر ئورتاقلىقنى، مېھرىبانلىقنى ۋە كۈچ- قۇدرەتنى تاپالايمىز، تارىخنىڭ ھەر بېتىگە قېرىنداشلىق سەھىپىسى پۈتۈلگەن. ۋەتەن شۆھرىتى نۇرلانغان يىپەك يولىدا تېخىمۇ شۇنداق. ۋەتەن ئانىمىز ئازاب چەككەندە، بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا يۈرىكىمىزدىن يىغلىدۇق. ياۋ تاپىنى ئەزىز ۋەتىنىمىزنى تىلغىغاندا، ھەر خىل ئاپەت ۋەتەن قەلبىنى مۇجۇغاندا، ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ قالقان بولدۇق. ھەممىمىز ھەمدەم بولۇپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئورتاق تىرىشىپ، ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ۋەتەن ئانىمىزنى چىن يۈرىكىدىن كۈلدۈردۇق ھەم بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندۇق.
*ۋەتەن ئانىمىز قۇدرەت تېپىپ قەد كۆتۈرگەندە، ھەممىمىز بەختىيارلىق شادىيانىسىنى تەڭ ياڭراتتۇق. ئىسلاھات بۇرغىسى چېلىنغاندا، ھەممىمىز ھەر ساھە- ھەر سەپتە ۋەتەننىڭ يېپيېڭى گۈزەل مەنزىرىسىنى بىرلىكتە ياراتتۇق. ۋەتەن دۇنيانىڭ سەلتەنەت تەختىگە مەردانە قەدەم ئالغاندا، ھەممىمىز تەڭ شادلاندۇق، ئىپتىخارلاندۇق.
*ئىللىق ۋەتەن قوينىدا ھەممىمىز ئىناقلىق، تەرەققىيات يولىنى تەڭ بەرپا قىلدۇق، شانلىق تارىخ بېتىنى ھەممىمىز تەڭ يازدۇق، تارىخ ئىستەكلىرىنى ھەممىمىز تەڭ قاندۇردۇق. شۇنداق، شانلىق تارىخنى 56 قېرىنداش ئورتاق ياراتتۇق. ئىسلاھاتقا تەڭ قەدەم باستۇق، تەڭ يول ئاچتۇق. ئۇلۇغ ۋەتەندە ۋەتەنداش بولدۇق، قېرىنداش بولدۇق، دىلداش بولدۇق، يىلتىزداش بولدۇق، يۆلەكداش بولدۇق. بىزنىڭ بىرلا ۋەتىنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ سۆيۈملۈك جۇڭگو! بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئوخشاش، ۋەتەننىڭ ھەممە يېرى ئوخشاش، ھەممە مىللەت ئوخشاش. ھەممە يۇرت ۋەتەننىڭ ئايرىلماس قىسمى، ھەممە يەر ۋەتەندۇر. بىز ئايرىلمايمىز، ئايرىلالمايمىز. دەريالار قوشۇلغاندەك، تاغلار تۇتاشقاندەك، تەقدىرىمىز چىرماشقان، رىشتىمىز مەڭگۈلۈك چەمبەرچاس باغلانغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى