قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشتا داۋاملىق لازىم بۇلىدىغان ئاددىي ساۋاتلار

2018-07-03 12:06:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲بىر تېمىم قېتىقنى تىرناق ئۈستىگە تېمىتىپ باقساق، قېتىق تامچىسى شار شەكلىدە بولسا يېڭى قېتىق، ئېقىپ كەتسە تۇرۇپ قالغان قېتىق بولىدۇ.
▲سەۋزىنىڭ بېشى بىلەن كۆتىكىنى ئېلىۋېتىپ ساقلىساق، ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا سەۋزىنىڭ بېشى سەۋزىدىكى سۇ مىقدارىنى ئازلىتىۋېتەلمەيدۇ.
▲رەڭگى تۇتۇق بولۇپ قالغان كۈمۈش بۇيۇملارنى ئاۋۋال ئاچچىقسۇ بىلەن بىر قۇر سۈرتۈپ، قۇرۇغاندىن كېيىن سوغۇق سۇ بىلەن چوتكىلىۋەتسە پاكىز ھەم پارقىراق بولىدۇ.
▲سامساقنى قامىغان چىشقا ئۇدا سۈرتۈپ بەرگەندە ياكى چۈچۈمەل نەرسە يېيىشنىڭ ئالدىدا سامساق چايناپ بەرسە چىش قاماشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
▲بانان شۆپىكىنى ئاياغقا قايتا-قايتا سۈرۈپ، ئاندىن لاتا بىلەن پاكىز سۈرتىۋېتىپ مايلىغاندا، ئاياغ پارقىراق بولىدۇ، باناننىڭ يەنە خۇرۇمنى ئاسراش رولىمۇ بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى