قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولايلى

2018-07-03 12:21:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

@ بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقىمىزكى، بەزىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىشنى خالايمىز ھەم ئۇلار بىلەن بىللە بولساق ئۆزىمىزنى ناھايىتى روھلۇق، تېتىك ھېس قىلىمىز. خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە تېخىمۇ تىرىشىشنى، ئالغا بېسىشنى ئويلايمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش ۋە گەپ- سۆزلىرىدىن باشقىلارغا بولغان ھېسداشلىقنى، مېھىر- مۇھەببەتنى، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان جەڭگىۋار روھىي ھالەتنى ھېس قىلىمىز ۋە كۆرۈپ يېتىمىز. بۇ دەل ئۇلاردىكى ئاكتىپ كۈچنىڭ بىزگە تەسىر قىلغانلىقىدۇر.
@ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بار. قاچانلا ئۇچرىشىپ قالسىڭىز تۇرمۇشتىن، خىزمەتتىن قاقشىغىنى قاقشىغان، خىزمەتنى پەقەت شۇلارلا قىلىۋاتقاندەك، تۇرمۇش بېسىمى شۇلارنىڭلا زىممىسىنى باسقاندەك ھەممىلا نەرسىدىن قاقشايدۇ. باشقىلاردىن، ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن توختىماي قۇسۇر ئىزدەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان تۇترۇقسىز گەپ- سۆزلىرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ ناچار كەيپىيات بېرىدۇ. بۇ دەل ئۇلاردىكى پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ باشقىلارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدۇر.
@ ئەتراپىمىزدا ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلار يەنى ئاكتىپ روھىي ھالەتلىك كىشىلەر قانچە كۆپ بولسا، بىزمۇ شۇنچە كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوبۇل قىلىمىز ھەم ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچى بولالايمىز. خىزمەت ئورنىمىزدا، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولالىساق چوقۇمكى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ قوللىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلەيمىز. ئەگەر بىز پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالساق، كىشىلەر نەزەرىدىن چۈشۈپ قالىمىزدە، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتىن قانائەت تاپالمايمىز. شۇڭا، ئاكتىپ كۈچنى قوبۇل قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولۇش بىلەن بىللە، پاسسىپ كۈچتىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان، پاسسىپ روھىي ھالەتكە قارشى تۇرالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.
@ بىر يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بىلەن تاكسى شوپۇرى يولدا بىخەستەلىك سەۋەبىدىن سوقۇلۇپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى سەۋەبچى ئىكەن. گەرچە ھېچقانداق خەتەر كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، تاكسى شوپۇرىنى سەتلەپ تىللاپ كېتىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا تاكسى شوپۇرى قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ: «ھەر ئىككىمىزنىڭ تەلىيى بارئىكەن، ئاق يول بولسۇن، خوش» دەپ كۈلۈپ قويۇپ يولىغا مېڭىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرغان تاكسىدىكى يولۇچى ھەيران بوپتۇ ۋە تاكسى شوپۇرىدىن: «باشقىلار سىزنى شۇنداق سەت تىللىسا ھېچنېمە بولمىغاندەك كۈلۈپ قويغىنىڭىز نېمىسى؟» دەپ سوراپتۇ. تاكسى شوپۇرى كۈلۈپ تۇرۇپ: «بەزىلەر تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىملارنى ئۆزىگە يۈك قىلىۋېلىپ، خۇددى بىر تاغار ئەخلەتنى يۈدۈپ يۈرگۈچىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلارغا ماسلىشىپ بەرسىڭىز ئۇلار توختىماي ئەتراپىغا ئەخلەت تۆكىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا بۇنداق ئەخلەت تۆكۈش پۇرسىتى بەرمەسلىكىڭىز، قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشىڭىز كېرەك»، دەپتۇ. تاكسى شوپۇرىنىڭ قىلغان بۇ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى خىزمەت ئورنىنىڭ يىراقلىقىدىن، ئائىلە بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قاقشاپلا يۈرىدىغان بۇ يولۇچىنى خىجىل قىپتۇ...
@ ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىزدە ئاكتىپ ۋە پاسسىپ كۈچ بولىدۇ. پاسسىپ كۈچ ۋىرۇسقا ئوخشاش يۇقۇملۇق بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ كەيپىياتىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھەر بىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىزدىكى ئاكتىپ كۈچنى تولۇق قېزىپ، ئۇنى كىشىلىك تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
@ بىر ئادەمدىكى ئاكتىپ كۈچ گويا قۇياش نۇرىدەك ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا، دوستلىرىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭمۇ قەلبىنى نۇرلاندۇرىدۇ. شۇڭا ھەر بىرىمىز خۇش پۇراق گۈلدەك ئەتراپقا ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى