قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

2018-07-03 12:22:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

@ ئۇيقۇ ياخشى بولسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ ياخشى بولىدۇ. يېتەرلىك ئۇيقۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئەستە ساقلاشتىن بۇرۇن كۆزىنى ئون مىنۇت يۇمۇۋالغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
@ بۇ تەتقىقات تۈرىدىكى ئالىملار تەپسىلىي ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى باھالايدىغان سىناقنى لايىھەلەپ چىققان. ئۇلار ئوتتۇرىچە يېشى 21 ياش بولغان 60 ياش يىگىت-قىزغا ئىككى قېتىم «ئوخشاش گۇرۇپپا»ىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسەتكەن، ئىككىنچى قېتىم كۆرسەتكەن سۈرەتكە بىرىنچى قېتىملىق گۇرۇپپىغا سەل ئوخشىمايدىغان «توزاق سۈرەتلەر» نى قوشقان. سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەپسىلىي نۇقتىلارنى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولسىلا بۇ «توزاق سۈرەتلەر» نى تاپالايدىكەن.
@ نەتىجىدە بايقىلىشىچە، بىرىنچى قېتىم سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن كۆزىنى يۇمۇپ ئون مىنۇت ئارام ئالدۇرغانلار «توزاق سۈرەتلەر» دىكى تەپسىلىي نۇقتىلارنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن بايقىغان ھەمدە تېخىمۇ كۆپ نۇقتىلارنى كۆرەلىگەن. كۆزىنى يۇمۇپ ئون مىنۇت ئارام ئالمىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلانغان مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي خاتىرىلەر تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە توغرا بولغان.
@ تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ قارىدى، تەتقىقات نەتىجىسى قىسقا ۋاقىت كۆزىنى يۇمۇپ ھاردۇق ئېلىشنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، تەپسىلىي خاتىرىلەرنى مۇستەھكەملەشتىكى ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنىڭ كونكرېت مېخانىزمى تېخى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىدى. ئەمما ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۆگىنىش جەريانىدىكى تىنچ ئارام ئېلىش خۇددى ئۇيقۇغا ئوخشاش رول ئوينايدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى