قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەت بىلەن ھاۋارايىنى ماسلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتىنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ

2018-07-03 12:25:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ھاۋا رايى ئارقىلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.
يىغىندا ئاپتونوم رايون جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ساياھەت بىلەن ھاۋارايىنى ماسلاشتۇرۇش»نى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتىنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھاۋا رايى بەلگىسىنى ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ھاۋا رايى بەلگە مەھسۇلاتىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆستۈرۈش؛ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھاۋا رايى تاراتقۇلار بايلىقى مەخسۇس تېمىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇپ «بىپايان زېمىن، چەكسىز مەنزىرە، شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتۇش؛ تەرەققىياتقا بىرلەشتۈرۈپ «ساياھەت بىلەن ھاۋارايىنى ماسلاشتۇرۇش» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايوننىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، سىگنال بېرىش، ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ھاۋا رايى مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ساياھەت ھاۋا رايى ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى