قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 400 دىن ئارتۇق ساياھەت كۆرگەزمە بويۇمى «2018-يىللىق بىر بەلۋاغ، بىر يول داڭلىق مەھسۇلاتلار» كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى

2018-07-03 12:26:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 6-ئاينىڭ 30-كۈنى،  جۇڭگو شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «2018- يىللىق بىر بەلباغ، بىر يول داڭلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى»دە، شىنجاڭ ساياھەت بايلىقىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك سىياسىتى، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى چۈشەندۈرۈلۈپ، كۆكتوقاي سەيلىگاھى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى.  
بۇ قېتىم شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى تەركىبىدە نارات مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، ئاگونگەتتى يايلاق تاش ئادىمى مەنزىرە رايونى قاتارلىق 20 نەچچە كارخانا، مەنزىرە رايونى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كۆرگەزمىگە قاتناشتى. شىنجاڭ كۆرگەزمە زالى نۇرغۇن سودىگەرلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى.  
مول مەزمۇنلۇق تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدىن باشقا، شىنجاڭ كۆرگەزمە زالىدا ساياھەت كەسپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇق ۋە ھۆل مېۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە چېتىلىدىغان 400 دىن ئارتۇق مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىندى، شىنجاڭنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۆزگىچە ساياھەت تاۋارلىرى ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۈستىقۇددۇس ھەسىلى، قارا ئالقات قاتارلىق ئىپتىدائىي ئېكىلوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، «2018-يىللىق بىر بەلباغ، بىر يول داڭلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى»نىڭ كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 43 دۆلەت ۋە رايوندىكى 200 دىن ئارتۇق كارخانا بەس-بەستە قاتناشقان.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى