قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى

2018-07-03 12:27:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بېكىتىلگەن تەننەرخنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ياكى تەننەرخنى تەكشۈرۈش، ئايرىم كىرىش بېلىتى ئېلىشتەك شەكلى ئۆزگەرگەن ساياھەتچىلەر يۈكىنى ئاشۇرۇشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆكتەبىر بايراملىق ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكىدىن بۇرۇن، بىر تۈركۈم دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى باھالىق كىرىش بېلەتلىرىنىڭ باھاسى ھەقىقىي تۈردە تۆۋەنلىتىلىدۇ.
پىكىردە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2018- يىلى دۆلەت ئىلكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ۋەزىپىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 2020- يىلىغا بارغاندا، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇۋاپىق تىجارەت تەننەرخىنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئوچۇق-ئاشكارا بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئاساسى جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى شۇنداقلا ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى