قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 6 چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا توسالغۇسىز ئېلېكترونلۇق ھەق تۆلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2018-07-03 12:28:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىكى يېڭى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رەسمىي تىجارەت باشلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈنلەي يېڭى ئېلېكترونلۇق ئىشىك بېلىتى باشقۇرۇش ئەندىزىسى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، مەنزىرە رايونىدا توردا بېلەت زاكاز قىلىش بىلەن بىۋاسىتە بېلەت سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت ئەندىزىسى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇ كۈنى 1000 غا يېقىن ساياھەتچى يېڭى دەرۋازىدىن مەنزىرە رايونىغا كىردى.
كۆكتوقاي، سايرام كۆلى، قۇمتاغ، تۇرپان بۇيلۇق، ھېيتگاھ مەيدانى، سانجى يېمەك- ئىچمەك كوچىسىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرونلۇق بېلەت سېتىۋېلىش، تېز سۈرەتتە كودنى سىكانىرلاپ مەنزىرە رايونىغا كىرىش قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەقلىيلەشكەن ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.
قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، ئەمەلىي بېلەتنى كۆچمە چىقىم ئۇسۇلى ئارقىلىق سېتىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەتچىلەر يەنە كۆچمە ئۈندىدار سۇپىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش، بېلەت ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق قولايلىق ئۇسۇلدا بېلەت سېتىۋالسا ۋە بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، بۇ مۇلازىمەت ساياھەت يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ  بېلەت سېتىۋىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالدى، شۇنداقلا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت سېتىش بېسىمىنى يېنىكلەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى «چىقىم بىلەن كەسىپنى ئۆز- ئارا ماسلاشتۇرۇش» تەك تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش بويىچە ساياھەت ئۈلگە رايونى تەسىس قىلغان. تۇرپان خەلق بانكىسى ھەق تۆلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى خوڭيەن مۇنداق دېدى: بانكىمىز قۇمتاغ مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە رايونىدىكى سودىگەرلەرگە كارتا سۈركەپ ھەق تۆلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىغا 20 نەچچە POS ھەق تۆلەش ئۈسكۈنىسى، 13 دانە كود سىكانىرلاپ ھەق تۆلەش ماشىنىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن مەنزىرە رايونىدا نەق پۇلسىز ھېسابات قىلىش ئۇسۇلى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنىمۇ ئۆستۈردى.
سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا، ئەسلىدىكى مەنزىرە رايون ئىشىك بېلىتىنى سېتىۋېلىشتا پەقەت نەق پۇل ئېلىش شەكلى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىپ، تۈرلۈك قولايلىق، تېز بولغان كۆچمە چىقىم ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش، ئېلېكتىرونلۇق بېلەت سېتىۋېلىشنى قوللاش ئۇسۇللىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونى خىزمەتچىلىرىنىڭ نەق پۇلنى ئېلىپ بانكىغا بېرىپ ھېساباتقا كىرگۈزۈشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن بانكىلار سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى بەرپا قىلغان سايرام كۆلى بازىرىغا كىرىپ، بازار ئىچىدىكى ھەق تۆلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مېھمانساراي، ئاشخانىلارغا POS ئاپپاراتى، كود سىكانىرلاپ ھەق تۆلەش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ بەردى. بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق بانكىسى ھەق تۆلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۈنفاڭ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىدىكى سودىگەرلەر POS ئاپپاراتىنى ئومۇميۈزلۈك سەپلەش ئاساسىدا، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىلىك كود بويىچە ھەق تۆلەش ۋە ئۈندىدار، چىقىمدان قاتارلىق چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرىنى يۈكلەپ، ساياھەتچىلەرنى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ھەق تۆلەش سىنىقىدىن بەھرىمەن قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزى شۆبە بانكىسى كۆچمە ھەق تۆلەش بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق ھەق تۆلەش ئالاھىدىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى