قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى

2018-07-03 12:30:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ماناس دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە ئولۇنگۇر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇقىم، يېرىم مۇقىم قۇملۇق، كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300-600 مېتىرغىچە كېلىدۇ، سۇ مەنبەسى بىر قەدەر كۆپ. 
 بۇ جاي تۆت پارچە قۇملۇقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ غەربىي قىسمى سۇبوگوربوگلاك قۇملۇقى، شەرقى قىسىم بولسا خوتىننېيرسىن قۇملۇقى، ئوتتۇرا قىسمى دېزاسوتىنئېلىزون قۇملۇقى، ئۇنىڭ شىمال تەرىپى -ئاققۇم قۇملۇقى. جۇڭغار ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق ئىقلىم چۆلىگە تەۋە.   
قۇملۇقنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى رايونى سىستېمىسىنىڭ تۈرلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاق سۆكسۆك، سۆكسۆك، ئاچچىق ئەمەن، ئاق ئەمەن، يىلان ئەمەن، خالتىسىمان مېۋە ئوت ۋە كۆپ خىل قىسقا ھاياتلىق ئۆسۈملۈكلەر قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان. قۇملۇقنىڭ غەربىي گىرۋىكىدە گەنجياخۇ سۆكسۆك ئورمىنى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار بولۇپ، جۇڭگودىكى بىردىنبىر چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىنىڭ كۆلىمى مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ. قۇربان تۇڭگۇت قۇملۇقىدىكى سۆكسۆكلۈكنىڭ كۆلىمى 1 مىليون گېكتارغا يېتىپ، قەدىمىي كۆل تىنما تۈزلەڭلىكى ۋە دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دېلتىدا «چۆل ئورمىنى»نى شەكىللەندۈرگەن.  
قۇملۇقنىڭ شەرقىي بۆلىكى ئاساسلىقى تيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى دەريالارنىڭ تىنما قۇم قاتلىمىدىن كېلىدۇ. قۇملۇقتىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قۇم بارخانلىرى قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. قۇم قىرىلىرىنىڭ تەكشىلىكتىكى ھالىتى دەرەخ شاخلىرىسىمان بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز مېتىردىن ئون نەچچە كىلومېتىرغىچە بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ، جەنۇبى ئېگىز، شىمالى تۆۋەن. قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدا قۇم بارخانلىرىنىڭ تىزىلىشى ئاساسەن جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، قۇملۇقنىڭ شەرقىي جەنۇبى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى