قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ قۇملۇق ئالاھىدە ساياھەتچىلىكى

2018-07-03 12:42:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قۇملۇق شىنجاڭدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەنزىرىلەرنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ قۇملۇق كۆلىمى 430 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق-- تەكلىماكان قۇملۇقىمۇ بۇ يەرگە جايلاشقان. قۇملۇق ئەزەلدىن گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قۇملۇقنىڭ ياردىمىدە ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى.
شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان توقسۇ ناھىيەسىدىكى قۇملۇق گۈللۈك مەنزىرە رايونى ئۆزگىچە قۇملۇق بايلىقىغا تايىنىپ، مەنزىرە رايونىدا ئەنئەنىۋى قۇم تېيىلىش، تۆگە مىنىش، موتسىكلىت مىنىش قاتارلىق تۈرلەردىن باشقا يەنە گۈللۈك بەرپا قىلغان بولۇپ، ئەتىرگۈل، نورۇزگۈلى، مودەنگۈل قاتارلىق 20 نەچچە خىل گۈل- گىياھ قۇملۇقتا يىلتىز تارتتى. ساياھەتچى لى خەيروڭ فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ قەلبىدىكى ھاياجاننى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: قۇملۇقتا گۈللەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.
توقسۇ ناھىيەسى قۇملۇق گۈللۈك مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى لى گۈيخەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016- يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، مەنزىرە رايونىدا ئالاھىدە خاسلىق ۋە ئۆزگىچىلىك بەرپا قىلىش ئاساسىدا، «گۈللۈك»، ھايۋاناتلار باغچىسى، پەن- تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە باغچىسى، شاشىنخۇ كۆلى، قۇملۇق ۋالىبول مەيدانى، تەبىئىي بېلىق مەيدانى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەنزىرە رايونى كۈتىۋالغان ساياھەتچى 40 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى تۈرلۈك گۈل كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن يىللىق ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن.
2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئىلتىماس قىلغان شىخو گەنجياخۇ دۆلەت قۇملۇق باغچىسى، ساۋەن «تيېمىنجيەن» دۆلەت قۇملۇق باغچىسى، بۈگۈر «ئىمىن چېكى» دۆلەت قۇملۇق باغچىسى باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 26 گە، ئومۇمىي كۆلىمى 200 مىڭ گېكتارغا يېتىپ، جۇڭگودىكى قۇملۇق باغچىسى ئەڭ كۆپ رايونغا ئايلاندى.
پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق باغچىسىدا، گەرچە ھاۋا ئىسسىق بولسىمۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە كېلىدىغانلار ۋە ساياھەت ئۆمىكى بىلەن ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، قۇملۇق ئاپتوموبىلى، قۇملۇقتا سېرىلىش ئاپتوموبىلى، ماتورلۇق ئۇچقۇ دېلتا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
پىچان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يىن لىشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، مەنزىرە رايونى يېڭى ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، پىيادە مېڭىش يولى، ساياھەت يولى ۋە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش تۈرىنى كۆپەيتىدۇ، يەنە ئاپتوموبىل دالا بازىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.
قارىماققا قاقاس كۆرۈنىدىغان بىپايان قۇم دېڭىزىدا قۇملۇق ساياھىتىنىڭ قىززىشى بىلەن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 يىل بولغان تۇرپان ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ما جۈنجيې مۇنداق دېدى: قۇملۇق، چۆل- جەزىرىلەر شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۈر. پىچان ناھىيەسىدىكى قۇملۇق شەھەرگە ئەڭ يېقىن قۇملۇق بولۇپ، قاتنىشى، تامىقى، تۇرالغۇسى قولاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان جايغا ئايلاندى.
ما جۈنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ قۇملۇققا ساياھىتىگە قارىتا يەنە قۇملۇق دالا ساياھىتى، قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيەسى قاتارلىق قۇملۇق ساياھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمىي 3 مىليون 536 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %95.11 ئاشقان. ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 3 مىليارد 211 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن % 171.3 ئاشقان.
ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، سەرخىل ساياھەت لىنىيىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى %30 ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى