قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «7- ئايدىكى جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جايلار»

2018-07-04 17:57:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەزىلەر: «ئادەم ھاياتىدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىق سەرگۈزەشتىسى بولىدۇ: ئۇنىڭ بىرى، ھېچنىمە بىلەن ھېسابلاشمايدىغان مۇھەببەت، يەنە بىرى، ماڭىمەن، دەپلا ماڭىدىغان ساياھەت» دىيىشىدۇ. 7- ئاي، گەرچە ئۆزىمىز مىدىرلىمىساقمۇ، كۆڭلىمىز ئاللىقاچان يىراقلارغا ئۇچقان بولۇپ، چوقۇم بىر چۆرگىلەپ كەلمىسەك بولمايدىغان يېرىگە كېلىپ قالدى. توغرا بولغان ۋاقىتتا، توغرا بولغان جايغا بېرىپ ساياھەت قىلغاندا، ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك ھاسىلاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئىلى نارات يايلىقى:

ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى تەۋەسىدىكى نارات يايلىقى، دۇنيادىكى تۆت چوڭ يايلاقنىڭ بىرى بولغان سۇبئالپ تېغى ئوت- چۆپ ئۆسۈملۈك رايونى. ئۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى يايلاقلارنىڭ جەۋھىرى. 7- ئايدا، ئېگىزلىكتىىكىكى تاغ باغرىنى پۈتۈنلەي ھەر خىل ياۋا گۈللەر قاپلايدىغان بولۇپ، قىزىل، سېرىق، كۆك، سۆسۈن قاتارلىق تۈرلۈك رەڭلەر يايلاقنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزۈپ، تولىمۇ گۈزەل بېزىگەن.

نارات يايلىقى خۇددى شىنجاڭنىڭ بىپايان قۇملۇقى ئارىسىغا قويۇلغان بىر تال يېشىل قاشتېشىغا ئوخشاش كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى تاغلار ئېگىز- پەس بولۇپ، ئوت- چۆپلەر خۇددى يېشىل يېكەندازغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە-- بىپايان ئوتلاق ھەم شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇنىڭ نەپىس گۈزەللىكى بار. بۇ يەردە-- ئېگىز تاغلار ھەم قارىغاي ئورمانلىقىنىڭ ھەيۋىتى بار. ھەممىلا يەردە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە-- گۈزەل يايلاق مەنزىرىسى بىلەن يەرلىك قازاق خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتى بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، نارات يايلىقى شىنجاڭدىكى ئەڭ بېرىشقا ئەرزىيدىغان جايلارنىڭ بىرى.

شىزاڭدىكى ياڭجويوڭسو كۆلى-- دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۆل:

«ياڭجويوڭسو» دېگەن سۆزنىڭ زاڭزۇ تىلىدىكى مەنىسى «ئاققۇ كۆلى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۆل شىزاڭدىكى ئۈچ چوڭ سىرلىق كۆلنىڭ بىرى. يەرلىك كىشىلەر بۇ كۆلنى يەنە «ياڭخۇ كۆلى» دەپمۇ ئاتايدۇ. زاڭزۇ تىلىدا «ياڭجويوڭسو» دېكى «سو» سۆزى «كۆل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ھېمالايا تېغىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى. ياڭجويوڭسو كۆلىگە بېرىپ قالسىڭىز، سىز چوقۇم بۇ يەردىكى سۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ئەس- ھوشىڭىزنى يۇقۇتىسىز. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل سۇ ئىكەن. ئۇنىڭدىكى كۆك رەڭنىڭ گۈزەللىكىنى ئادەتتىكى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن. تەبىئەتنىڭ قانداق ماتېرىيال ئىشلىتىپ، بۇ قەدەر گۈزەل مەنزىرىنى ئاپىرىدە قىلغانلىقىغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلى يەتمەيدۇ. تەبىئەت يەنە قانداق بوياق ئىشلىتىپ، تاۋار- دۇردۇن كەبى بۇ قەدەر گۈزەللىكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندۇ؟ تەبىئەت يەنە قانداق قىلىپ، بۇ تاغلار ئارىسىغا كۆك ياقۇتنى قۇيغانغا ئوخشاش چۈش كەبى گۈزەللىكلەرنى ياراتقاندۇ؟

شىزاڭ نامۇسو كۆلى-- ئىگىزلىكتىكى ئەڭ گۈزەل ياقۇت كۆلى:

نامۇسو كۆلى شىزاڭدىكى ئۈچ چوڭ سىرلىق كۆلنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان گۈزەل يېشىل قاشتېشىغا ئوخشايدۇ. ئۇ نىيەنچىڭ تاڭگۇلا تاغ باغرىنىڭ شىمالىدىكى چىياڭتاڭ ئىگىزلىكىگە جايلاشقان. كەينى تەرىپى تاڭگۇلا تېغىغا تۇتاش. مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. كۆل بويىدىكى جاشى يېرىم ئارىلىدىكى تاغ باغرىغا چىققاندا، تىيەنخۇ كۆلىنىڭ كۈن پاتقان ۋە كۈن چىققان مەزگىلىدىكى شەپەق مەنزىرىسىدىن قانغىچە ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇ بىر ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل مەنزىرە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، نامۇسو كۆلى بىلەن تاڭگۇلا تېغى ئەسلىدە بىر جۈپ ھايات- ماماتلىق ئاشىق- مەشۇقلار ئىكەن. تاڭگۇلا تېغى بۇلغانمىغان، ساپ قار سۈيى بىلەن خوتۇنى بولغان نامۇسو كۆلىنى سۇغۇرىدىكەن. خوتۇنى نامۇسو ئۆزىنىڭ ھەر بىر تامچە قار سۈيىنى يىغىپ، سانسىز ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلغان ئىكەن. ئۇلار شۇنداق قىلىپ، نەچچە مىڭ يىللار بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، ئايرىلماي ياشاپتۇ. قىرغاقتىكى خېجاڭ تېشىمۇ ئاتا- ئانا تاشلارغا ئايلىنىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تاڭگۇلا تېغى بىلەن نامۇسو كۆلىنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئەقىدىسىگە سىمۇۋۇل قىلىنغان ئىكەن. قەلبتىكى مۇھەببەت قانچە چوڭقۇر بولسا، نامۇسو كۆلىگە يۈزلەنگەندە، بۇ كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى شۇنچىلىك ھېس قىلغىلى بولىدىكەن؛ قەلبتىكى مۇھەببەت قانچە ساپ بولسا، بۇ كۆلنىڭ سۈيى زۇمرەتتەك كۆپكۆك بولىدىكەن.

چىڭخەي مېنيۈەن:

بۇ يەرنىڭ باھارى ئەمدى باشلاندى. ھەر يىلى 7- ئايدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى تومۇز ئىسسىق مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئەمما، چىڭخەي مېنيۈەننىڭ باھارى بولسا ئەمدى باشلاندى. قىچا گۈلى قارلىق ئېگىزلىكتىكى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ۋە چىليەن قارلىق تېغى بىلەن قوشۇلۇپ، ھەيۋەتلىك، ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. كۆز يەتكۈسىز ئالتۇن رەڭ سېرىق بىلەن ئەتراپتىكى مەنزىرىلەر قوشۇلۇپ، رەڭگارەڭ تۈس ئالغان. ئۇ بىر كىشىنى ھەسرەتتە قويىدىغان گۈزەل رەسىم. بۇ يەردىكى ئون مىڭ موغا يېقىن جانلىق كارتىنا قويۇق غەربىي دىيار خاسلىقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ يەر جاھاننى قاپلىغان مەردانە ھالىتى كىشىگە مول تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىدۇ. سىز ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، تىمتاسلىققا چۆمگەن داۋان تېغىدىن ئۆتۈپ، مېنيۈەن ئويمانلىققا كەلسىڭىز، بىپايان قىچا گۈللىرى بىلەن قاپلانغان گۈزەل مەنزىرە ۋە كىشى قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خۇشپۇراقلار ئىچىدە مەست بولۇپ، مېنيۈەن خەلقىنىڭ گۈلنى جېنىدىن ئەزىر كۆرىشىنىڭ سەۋەبىنى چۇشىنىسىز.

خەيلار يايلىقى:

خەيلار يايلىقى-- يايلاقلار ئىچىدىكى مەرۋايىت. خەيلار يايلىقىدا ياز پەسلىدە ھاۋا سالقىن بولۇپ، بۇ جاي 7- ئايدا ئاپتاپتىن ساقلىنىدىغان ئەڭ ياخشى يازلىق سەيلىگاھلارنىڭ بىرى. ئۇ يايلاقلار ئىچىدىكى مەشھۇر نۇرلۇق مەرۋايىت. بۇ يەردىكى ئىگىزلىك تەكشى ۋە كەڭرى، تاغلىق يەر چەمبەر شەكلىدە بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت ۋە گۈزەل.

بۇ كەڭرى كەتكەن مۇنبەت تۇپراق، ياپيېشىل ۋە بىپايان خۇلۇنبېر يايلىقى بىلەن گۈزەل ھېسلار جۇش ئۇرۇپ تۇرغان چوڭ ھىنگان تېغىنى چەمبەرچەس باغلاپ، قاۋۇل نيۇياڭ ۋە جۈنمانى دۇنياغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساددا، ئىشچان يايلاق خەلقىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئىسمى بولسا-- خەيلار. بۈك- باراقسان خۇلۇنبىر يايلىقىدا يىمىن دەرياسى كېچە- كۈندۈز ئېقىپ، تەڭداشسىز ۋە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان.

دالىنىڭ شۇاڭلاڭ بازىرى:

شۇاڭلاڭ بازىرى دالى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇ جاي ئىلگىرىكى «جەنۇبىي جاۋ سۇلالىسىنىڭ ئۆرپ- ئادەت ئارىلى». بۇ بازارنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. بىر تەرىپى بولسا دېڭىز بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. غەرب تەرىپىدە ساڭشەن تېغىدىكى 19 چوققا بولۇپ، ئېرخەي كۆلىنىڭ زۇمرەت سۈيى ئېقىپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپى «بۇددا مۇقەددەس رايونى» دەپ قارىلىدىغان جىزۇشەن تېغى، جەنۇب تەرىپى «پېڭلەي ئارىلى»، بۇ يەر بېلىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، سۇ قاتنىشى قۇلايلىق، ئەڭ مۇھىمى «شامال، گۈل، قار، ئاي» بىرلەشكەن ئاجايىپ مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. شۇڭا، بۇ جاي كىشىلەر تەرىپىدىن «دالىنىڭ مەنزىرىسى ساڭئېردا، ساڭئېرنىڭ مەنزىرىسى شۇاڭلاڭدا» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

گۇيجۇ ئۆلكسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى لىبو:

لىبو گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بولۇپ، تاغ- دەريالىرى گۈزەل، تۆت پەسلى خۇددى باھاردەك چىرايلىق. ئۇ بىر سىرلىق يەر. ئۇنىڭ «يەر شارىنىڭ كەمىرىگە ئورنىتىلغان يېشىل ياقۇت» دېگەن گۈزەل نامى بار. ئىپتىدائىي، ئاددىي، سىرلىق، رەڭگارەڭ يەر شارى بەلبېغىدىكى بۇ «يېشىل ياقۇت» خۇددى بىر كۇپلېت كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سەھرا مەنزىرىسى شېئىرىغا ئوخشاش تەڭداشسىز گۈزەل. ئۇ تەبىئىي مەنزىرە ۋە ساپ مىللىي ئۆرپ- ئادەت تۈسىگە ئىگە، ئاجايىپ شۇنداقلا ھەم سىرلىق. 7- ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلسىڭىز، سۇ، جىلغا، دەريا مەنزىرىرىلىرىدىن باشقا، جاڭجىياڭ سەھرا مەنزىرە رايونى، داچىكۇڭ مەنزىرە رايونى، شىياۋچىكۇڭ مەنزىرە رايونى، يەنە كۆركەم ئۈستىقۇددۇس ئېتىزى قاتارلىق كىشىنى شەيدا قىلىدىغان مەنزىرىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلۇشۇپ، ئۆزگۈرۈشچان مەنزىرە سىزنى ھەيرانۇ- ھەس قالدۇرىدۇ. شۇنداقلا سىزگە ھۇزۇر بېغىشلاپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا كېلىپ قالغاندەك تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.

فۇجىيەن شياپۇ:

جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ساھىل ۋە دېڭىز قولتۇقى. فۇجىيەن شياپۇ جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل ساھىل ۋە دېڭىز قولتۇقى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق فوتۇگرافلارنىڭ دېڭىز بويى فوتو سۈرەت ئىجادىيەت بازىسى. شياپۇ دېڭىزىنى سۈرەتكە تارتقاندا مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ، 7-، 8 - ئاي ۋاقىتلار دېڭىز سۈيى ناھايىتى سۈزۈك ۋە نۇر ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان ۋاقىت.

سەنمېن ئارىلى:

سەنمېن ئارىلى يەنە تونىڭ ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ داياۋەندىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارىلى. شېنجېننىڭ جەنۇبىدىكى دوڭچوڭنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان. غەربتە داپېڭ قولتۇقى بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 5 كۋادرات كېلومېتىر. شىياڭگاڭ دېڭىز رايۇنى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8.7 دېڭىز مىلى، دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر. دېڭىز قىرغىقى ئەگرى- بۈگرى بولۇپ، رەڭگى كۆكۈش ئاق رەڭدە. قىرغاقتىن كاتېرغا ئولتۇرۇپ 10 نەچچە مىنۇتتىلا سەنمېن ئارىلىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەتراپتىكى 200 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ھېچقانداق دەريا يوق، دېڭىز سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، سۈزۈكلۈكىدىن تىگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كۆرۈش چوڭقۇرلۇقى 12 مېتىرغا يېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى