قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى

2018-07-04 17:58:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرىدىغان، سافادا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ يانفون ئوينايدىغانلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق . شۇڭا، جۇڭگو تىبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى پۇتنى ئالماپ ئولتۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، راھەت ھېس قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى سۈپىتىدە كۈندە بىر نەچچە قېتىم پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرسا ئانچە چوڭ زىيىنى يوق. ئەمما، پۇتىنىڭ ۋىنا تومۇرىدا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش كېسىلى بارلار پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرسا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق كېسىلى بارلار پۇتىنى داۋاملىق ئالماپ ئولتۇرسا قان ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقى تەسىرگە ئۇچراپ، يېنىك بولغاندا پۇت ئىششىيدىغان، ئېغىر بولغاندا تىنىقتىن قالىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش بەل ۋە دۈمبە بىئارام بولىدىغان ئەھۋالنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ شەكىلدە ئولتۇرۇش داس سۆڭىكىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ، داس بوغۇمىنى بىئارام قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋام قىلسا، مۇسكۇل كۈچىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ يانغا ئېگىلىپ قېلىشى، شۇنداقلا بەل ۋە دۈمبە سىرقىراپ ئاغرىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى