قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

2018-07-04 17:58:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇيقۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئەركىن قويىۋېتىش مەشىقى قىلىش لازىم، ئۆزىنى ئەركىن قويىۋېتىش مەشىقى ئۇيقىسى ياخشى بولمىغان، دائىم تەشۋىشلىنىدىغان، جىددىيلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ مەشىق قىلىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان بولۇپ، تەننى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە روھنى ئەركىنلەشتۈرۈش دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

بەدەننى ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى تۆۋەندىكىچە :

1. تەييارلىق باسقۇچى: تىنىچ، راھەت بولغان ئۆي ئىچى مۇھىتى تەييارلاش، بەدەننى غىدىقلايدىغان نەرسىلەرنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش (تار ئىشتاننى سېلىۋېتىش، قول سائىتىنى ئېلىۋېتىش دېگەندەك)، راھەت بولغان قىياپەتنى ھازىرلاش.

2. چوڭقۇر تىنىق مەشىقى: تىنىچ ھەم تەرتىپلىك ھالدا نەپەسلىنىش، نەپەسلەنگەن ۋاقىتتا ماس ھالدا كۆكرەك، قورساق قىسمىنى تارتىپ-چىقىرىش.

3. مۇسكۇللارنى پۈتۈنلەي ئەركىن قويىۋېتىش: بەدەننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇنلىرىدىكى مۇسكۇللارنى يىغىش-قويىۋېتىشنى تەرتىپى بويىچە مەشىق قىلىش، پۈتۈن بەدەننى ئەركىن قويىۋېتىش.

مۇسكۇللارنى پۈتۈنلەي ئەركىن قويىۋېتىش مەشىقى: ئىككى ئالقاننى چىڭ يۇمۇپ بەل ئارىلىقىغا قويۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇشتۇمنى تۈگۈپ 10 سېكۇنت تۇرۇش، ئەركىن قويىۋېتىش يەنە تۈگۈش ھەرىكىتىنى كەينى-كەينىدىن مەشىق قىلىش، مەشىق جەريانىدىكى ھېس تۇيقۇغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، كاسسا قىسمىنى چىڭ قىسىپ 10 سېكۇنت تۇرۇش، ئارقىدىنلا ئەركىن قويىۋېتىش، شۇ تەرىقىدە كۆپ قېتىم تەكرار مەشىق قىلىش كېرەك.

پېشانە مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىش مەشىقى: قوشۇمىسىنى كۈچەپ تۈرۈش، 10 سېكۇنت داۋاملاشتۇرۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش. بۇرۇن ۋە يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، خۇددى توشقاننىڭ بۇرنىدەك تۈرۈپ 10 سېكۇنت تۇرۇش، ئارقىدىن ئەركىن قويىۋېتىش.

باش قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى ئارام ئالدۇرۇش مەشىقى: باشنى كەينىگە تارتىپ تۇرۇپ گەدەن قىسىمدىكى مۇسكۇللارنى تارتىپ چىڭىتىش، 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، ئۇمۇرتقىدىكى راھەت تۇيغۇنى ئارقا مېڭىگە يەتكۈزۈش، ئارقىدىنلا باشنى ئوڭ مۈرىگە تەگكۈزۈش، 10 سېكۇنت شۇ قىياپەتتە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، ئارقىدىنلا باشنى سول تەرەپكە يانتۇ قىلىپ سول مۈرىگە تەككۈزگەندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، مەشىق قىلىش جەريانىدا پۈتۈن بەدەننىڭ راھەت ھېس قىلىشىنى ئاساس قىلىش لازىم.

مۈرە قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى ئارام ئالدۇرۇش مەشىقى: مۈرىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش، ئامال بار قۇلاققا يەتكۈزۈپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، مۈرىنى كەينىگە تارتىپ مۇسكۇللارنى يىغىپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش. ئىككى مۈرىنى ئالدىغا تاشلاپ تىگىشتۈرۈپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش، نەپەس ئېلىش جەريانىدكى راھەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش، ئاشقازان ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى يىغىش ھەم كۆكرەكنى پەسلىتىش، 10 سېكۇنت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، كاسسىنىڭ ئىككى تەرىپىنى چىڭ قىسىپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، ئىككى تىزنى چىڭ يىغىپ 20 سېكۇنىتتىن كېيىن قويىۋېتىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇتنىڭ بارماقلىرىنى يىغىش، كىچىك پۇتنىڭ مۇسكۇللىرىنى يىغىپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، پۈتۈن بەدەننىڭ يېنىكلەشكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىنىچ نەپەس ئېلىپ يۇقىرىدىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش لازىم.

روھنى ئەركىن قويىۋېتىش ئۇسۇلى: تەسەۋۇر ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭلىدىكى ئەڭ راھەت، ئەڭ بىخەتەر بولغان مۇھىتنى ئويلاش، بۇ مۇھىت ئەمەلىيەتتە بار بولسىمۇ ۋە ياكى تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، دېڭىز بويىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرگەن بولساق كەڭرى كەتكەن ئاسمان بىلەن پايانسىز دېڭىز بىرىكىپ شۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان، كەڭ كەتكەن دېڭىز بويىدا قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئولتۇردىڭىز....... يۇقىرىقىدەك گۈزەل مەنزىرىلەرنى، گۈزەل شەيئىلەرنى خىيال قىلىش ئارقىلىق روھنى بوشىتىش، ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى