قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەرىكەت ۋە ئورۇقلاش

2018-07-04 17:59:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ساغلاملىق ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم چېنىقىشنى تاللىغان، ئەمما ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە: «ھەرىكەت ئادەمنى ئورۇقلىتالمايدۇ، ئادەم قانچە چېنىققانسېرى شۇنچە سەمرىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراشلار پەيدا بولدى. دېمىسىمۇ بەزىلەر ئورۇقلاش كويىدا شۇنچىلىك ھەرىكەت قىلسىمۇ، لېكىن ئورۇقلىيالمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا كۆز قارشى مۇنداق: ئەگەر بەزىلەر ھەرىكەت قىلىپمۇ ئورۇقلىيالمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس.

ۋاقىت قىسقا. بەزىلەر نەچچە كۈن ھەرىكەت قىلىپلا تارازىغا چۈشۈشكە ئالدىرايدۇ. ياغ بەدەنگە بىر نەچچە ئاي، ھەتتا بىر نەچچە يىلدا جۇغلانغان بولىدۇ، شۇڭا بەدەندىكى ياغنىڭ بىر نەچچە كۈندىلا خوراپ تۈگىشى ناتايىن، بەلكى سىجىل ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن تەدرىجىي يوقايدۇ.

ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش. بەدەن ئادەتتە ھەرىكەت سالمىقىغا، بولۇپمۇ ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتكە ئالتە ھەپتىدە ماسلىشالايدۇ، ئەگەر ئادەم يۈگۈرۈش ئادىتىنى بىر يىل داۋام قىلسا، ھەرىكەت مىقدارى ئوخشاش شارائىتتا بەدەن ھەرىكەتكە ماسلاشقاندىن كېيىنلا ئاندىن ئورۇقلاشقا باشلايدۇ.

سالمىقى يېتەرسىز. ئەگەر كۈندە يېرىم سائەتلا ھەرىكەت قىلسا ئۇنداقتا بۇنىڭ رولى پەقەت بەدەن قىزىتىشلا بولىدۇ، خالاس. بۇنداق ھەرىكەت قىلىپ ئورۇقلاش مۇمكىن ئەمەس.

چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش. ھەرىكەتتىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بولۇشىغا يەپ-ئىچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەنگە كىرگەن ئېنېرگىيەنىڭ مىقدارى ھەرىكەتتە خورىغان ئېنېرگىيەنىڭ مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ نەتىجىسى سەمرىش بولىدۇ، يەنە بەزىلەر كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەرىكەتتىن كېيىن بولۇشىغا يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇقلاش ئەمەس، بەلكى سەمرىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى