قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زەنجىۋىلنىڭ بىر قانچە رولى

2018-07-04 11:19:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 كۈندە ئىككى، ئۈچ قېتىم زەنجىۋىل سۈيىدە ئېغىز چايقاپ بەرسە، ئېغىز يارىسى ۋە چىش ئەتراپى ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ.
    باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا، ئىككى قولنى ئسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە 15 مىنۇت چىلاپ بەرسە، ئاغرىق پەسىيىدۇ ياكى يوقايدۇ.
 ئاۋال باشقا زەنجىۋىل سۈركەپ، ئاندىن ئسسىق زەنجىۋىل سۈيىدە باشنى چايقىسا، چاچقا چۈشكەن كېپەك يوقايدۇ؛ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرسا، چاچ ئۆستۈرىدۇ.
  ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە تۇز ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا لۆڭگىنى چىلاپ ئاغرىغان ئورۇننى قايتا-قايتا سۈرتسە، بەل ۋە مۈرە ئاغرىقى پەسىيىدۇ.
 پۇتىنى ئسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە 15 مىنۇت چىلاپ بەرسە، قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ.
 ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز ۋە ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە چىلاپ پۇت يۈزى قىزارغانغا قەدەر تۇرسا زۇكام، باش ئاغرىق ھەم يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
 زەنجىۋىلدىن 10 تال، دارچىندىن ئۈچ گىرام، يۇمىلاق گۈرۈچتىن 50 گىرام، قارا شېكەردىن 30 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر، ئىككى قېتىم ئچىپ بەرسە، يەلتاشمىغا پايدا قىلىدۇ.
ئسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە تۇز سېلىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، گال ئىششىپ ئاغرىشقا شىپا بولىدۇ.
كۈندە ئۈچ ۋاق زەنجىۋىل بىلەن چىلاننى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوغۇم ئاغرىقى پەسىيىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى