قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەدەن چىنىقتۇرۇش ئادىتىڭىز بارمۇ

2018-07-04 12:04:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى كۈنلەردىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسى بۆلەكچە ئېچىلىپ كەتتى، ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردا مەيدان ئۇسسۇلى ئوينايدىغان، چېنىقىپ پىيادە ماڭىدىغان، ئاستا يۈگۈرەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. چېنىقىش مەيدانلىرى، چېنىقىش سارايلىرىدىكى ئەر- ئايال، قېرى- ياش كىشىلەر قارا تەرگە چۆمۈلۈپ چېنىقىۋاتاتتى. ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئاللىبۇرۇن ئەۋج ئېلىپ ئادەتكە ئايلانغانىدى.

مۇخبىر يېقىندا قىزىلتاغ يېڭى ئەسىر سودا سارىيىدىكى «A. مانخاتتان چېنىقىش كۇلۇبى»غا باردى، بۇ كۇلۇبنىڭ سېتىشقا مەسئۇل خادىمى مۇنداق دېدى: چېنىقىش كۇلۇبىغا كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇرۇن چېنىقىشقا كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ئىدى، ھازىر ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش سېپىگە قېتىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى گۇچۇڭ يولىدىكى «جيا يۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبى»نىڭ تىرېنېرى لى مىن مۇنداق دېدى: مەخسۇس ئورۇقلىتىش دەرسى تەسىس قىلدۇق، تۆت سىنىپقا 32 كۇرسانت قوبۇل قىلماقچى ئىدۇق، نەچچە كۈنگە قالمايلا كۇرسانتلار توشۇپ كەتتى، تىزىملاتقانلارنىڭ ئىچىدە %70تىن كۆپرەكى ئايال. دالىدا يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى ۋاڭ شىنخۇا ھەر ھەپتىدە دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىدىكى پىيادە مېڭىش يولىدا يۈگۈرەيتتى، يۈگۈرۈش ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئاساسلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغانىدى. ۋاڭ شىنخۇا مۇنداق دېدى: دالىدا يۈگۈرگەندە ئادەم ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، جىددىيلىشىپ كەتكەن نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرالايدۇ، تاغ چوققىسىغا چىققاندا ئادەمدە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

پەن- تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قولايلىق ئېلىپ كەلدى. ھەر كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا نۇرغۇن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىپ، قوللىرىغا تەنھەرىكەت سائەتلىرىنى، قۇلاقلىرىغا لەنيا نائۇشنىكىنى تاقاپ، سەھەرلىك چېنىقىشىنى باشلايدۇ.
يېقىندا، شەھەر ئاھالىسى لى جيەن ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كەسپىي يۈگۈرۈش ئايىغى سېتىۋالدى، لى جيەن مۇنداق دېدى: گەرچە باھاسى قىممەترەك بولسىمۇ، قېقىلىشنى يەڭگىللىتىش ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن، خەلق باغچىسىنىڭ يوللىرى سېمونت، بۇنداق قاتتىق يەرلەردە يۈگۈرگەندە، تىزنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. لى جيەن يەنە تەنھەرىكەت سائىتى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك رىتىمى، يۈگۈرۈش تېزلىكى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەپ، يۈگۈرۈش ھالىتىنى تەڭشەيدىكەن.

ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان تۇڭ تيەن ھەر كۈنى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ باغچە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىكى «ئۈندىدار ھەرىكىتى» ئەپ دېتالى ئۆزى ۋە دوستلىرىنىڭ كۈندە ماڭغان قەدەم سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كۆپچىلىكنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرالايمەن، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۆزئارا بىر- بىرىمىزنى ئالقىشلىيالايمىز، بۇمۇ بىر خىل ئىلھام بېرىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزىمىزنىڭ ماڭغان قەدەم سانىمىزنى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە ئىئانە قىلالايمىز ھەم بەدەن چېنىقتۇرالايمىز، بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش دېگەن شۇ. تۇڭ تيەن كۈندە 10 مىڭ قەدەم مېڭىشنى نىشانلاپتۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق ماڭىدىكەن.

بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. 65ياشلىق باۋ فېڭچىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ھازىر ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندىن سىرت، ھەر كۈنى باغچىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندى. باۋ فېڭچىن مۇنداق دېدى: تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى، تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش نۇرغۇن كىشىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى جەمئىي 390 ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسىنى تەربىيەلەپ، يۇقىرى ساپالىق ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 38 مىڭدىن كۆپ ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسى بار.

مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە 2013- يىلىدىن باشلاپ، مەھەللىلەردە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەسى ئورنىتىلغان يول بويى چېنىقىش ئورنىدىن 1800ى، ئەتىگەنلىك، كەچلىك چېنىقىش نۇقتىسىدىن 1100ى بار، يەنە ئۈچ يەردە تەنتەربىيە باغچىسى بار. ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا، ھەرقايسى مەھەللىلەرگە يۈگۈرتكۈ، ماگنىت كونتروللۇق ئۆرە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئۆي ئىچى چېنىقىش ئۈسكۈنىسى، ئۆي سىرتى تىكتاك توپ ئۈستىلى، پەيتوپ سېتكىسى، گار، چويلا توپ سېتكىسى، چېنىقىش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەنتەربىيە چېنىقىش سايمانلىرى ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، بۇلار مەھەللىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، مەيدان شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئورنىتىلىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى لى چېن مۇنداق دېدى: بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى بەدەن چېنىقتۇرغۇچىلارنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى، باغچىدىكى چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ياخشىلىنىپلا قالماي، مەھەللىدىكى چېنىقىش سايمانلىرىمۇ كۆپىيىپ قالدى، كىشىلەر مەھەللىدىن چىقمايلا بەدەن چېنىقتۇرالايدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ھازىرقى ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئاۋامغا تېخىمۇ يۈزلەندۈرۈلدى، مەھەللىدە ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. لى چېننىڭ نەزەرىدە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئىنتايىن ئومۇملاشقان.

شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشتا، ئۈرۈمچىدىكى خالىغان بىر بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە كىرسىڭىز بىر خىل ئىللىقلىق ۋە قىزغىنلىقنى ھېس قىلىسىز: ياش قىزلار تىرېنېرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ چېنىقىدۇ، لەرزان ھەرىكىتى ئارقىلىق كەسىپ ۋە تۇرمۇشىغا مەنە قوشىدۇ؛ ئادەتتىكى كۈنلىرى ئائىلە ۋە كەسىپ بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلىقلار يۈگۈرتكۈدە يۈگۈرۈپ تەرلەپ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ؛ پېنسىيەگە چىققان «ئاق چاچلىقلار»نىڭ بەزىلىرى ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئوينىسا، بەزىلىرى چېنىقىش ئەسۋابلىرىدا چېنىقىپ، چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلىدۇ. چېنىقىش ئۆيىدىكى بۇ قەدەر قىزغىن چېنىقىش كەيپىياتى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدۇر.

بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى مەلۇم نۇقتىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 40 يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز راۋاجلانغانلىقى، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر، سودا خاراكتېرىدىكى تۈرلۈك چېنىقىش ئۆيلىرىدىن باشقا، مەيلى ئاۋات شەھەرلەردە، ياكى چەت، يىراق يېزا- كەنتلەردە بولسۇن، يۈرۈشلەشكەن ئاممىۋى چېنىقىش ئەسلىھەلىرى سەپلەندى. مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇخبىرلىق قىلىش داۋامىدا، كۆپلىگەن يېزا- كەنتلەردە ۋاسكېتبول مەيدانى ۋە ئەسلىھەلىرى تولۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزىنىڭ بارلىقى، نۇرغۇن ناھىيە بازىرىدا زامانىۋىلاشقان تەنتەربىيە مەيدانى، سارىيى ياسالغانلىقى، نۇرغۇن جايدا تۈرلۈك شەكىلدىكى پىيادە مېڭىپ چېنىقىش يولى ياسالغانلىقىنى كۆردۈم. ھازىر مەيلى سەھەردە ياكى كەچقۇرۇندا بولسۇن، مەيلى شەھەر ياكى يېزا- كەنت، مەھەللىدە بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيە سارىيىدا، چېنىقىش ئۆيىدە ياكى پىيادە مېڭىپ چېنىقىش يولىدا بولسۇن، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشىنى كۆرەلەيمىز.

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشنىڭ بىزنىڭ ئورتاق كۈرەش نىشانىمىزغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇشتىن ئاساسىي جەھەتتىن ھاللىق جەمئىيەتكە كىردۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى، بىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىزنىمۇ تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى. ئۆتمۈشتە ئەڭ مۇھىم ئىش تاماق يېيىش، كىيىم كىيىش بولغان بولسا، ھازىر كىشىلەر تۇرمۇش سۈپىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساغلاملىقنى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ 1- ئامىلى دەپ قاراپ، چېنىقىشقا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق تەلىپىنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەن گۈزەللىكىگە ئىنتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئېسىل تۇرمۇش بولغاندىلا، ھاياتىمىز شانلىق نۇر چاچىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى تېخىمۇ كۆپ شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە مەنىۋى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى تېخىمۇ يۇقىرى ئىستېمال ئېھتىياجىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. «خۇسۇسىي بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرى» دېگەن نامنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئەمما تىرېنېر تەكلىپ قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئارزۇيىمىزمۇ رېئاللىققا ئايلاندى. ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئەندىزىسىدە، 1- ، 2- كەسىپ ئىزچىل ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى، ھازىر 3- كەسىپ 1- ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ غايەت زور تەرەققىياتىغا شاھىت بولدى.

بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ سىجىل كۈچىيىشى شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەم كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ دەلىلى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ زېمىنىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ نەتىجىسى. بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئۈمىد بىلەن قارايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى