قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارغا بىر مىنۇت ۋاقىت بېرىڭ

2018-07-04 12:05:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالىدىغان ئىشى توغرىلىق گەپ بولۇنغاندا بىرى دوستىغا شۇنداق دېگەن: 

  ئايالىم بىلەن سودا ساراينى ئايلىنىۋېتىپ، ئۈچ-تۆت ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئويۇنچۇقلارغا قاراپ كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدۇق. ئانىسى بىرقانچە قېتىم تارتىشتۇرۇپ ماڭغان بولسىمۇ، بالا داجىپ ماڭماي تۇرۇۋالدى، دادىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، بالىنى بېرىپلا ئۈچ شاپىلاق ئۇرۇۋەتتى. بالا قاتتىق يىغلاپ كەتتى، بىراق يەنىلا ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. يولدا بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنى ئۇچراتتۇق. قىزچاق ھېرىپ ھالىدىن كەتتىمۇ زوڭزىيىپ  ئولتۇرۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىمايۋاتاتى، ئانىسى، مومىسى ئۇنىڭغا قانچىلىق ۋاقىرسىمۇ، يالۋۇرسىمۇ، بىر  قەدەممۇ  مېڭىشقا ئۈنىمىدى، بۇ چاغدا چوڭلارمۇ بالىغا قاراپ ماڭماي تۇرۇشتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپتە  تىركىشىش  ھالىتى شەكىللەندى. ئايالىم ماڭا:« ئۇلار بالىغا بىر مىنۇت ۋاقىت بەرگە بولسا، ھەمە ئىشلار ھەل بولاتتى» دېدى. ئوغلۇم كىچىك ۋاقتىدا قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە تازا خوشال ئويناۋاقتاندا، چاقىرساق پەقەتلا چىققىلى ئۇنىمىدۇ.  ئايالىم ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:« كەچ بولۇپ كەتتى، قوزام، ئارام ئالىدىغان ۋاقىت بولدى، يەنە بىر  مىنۇت ئوينىۋېلىپ ماڭايلى بولامدۇ؟» دېگەندە ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ۋاقىت بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە جاھىللىق قىلىشقا خىجىل بولۇپ ئۆيگە يېنىپ چىققانئىدى.
ئەمەلىيەتتە، بالىلار بىر مىنۇتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، بىراق ئاغزاكى كېلىشىم تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، بالىنىڭ ساددا غۇرۇرى، تۇغما ۋەدىسىدە تۇرۇش تۇيغۇسى ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. چوڭلار « بىر مىنۇت  توشتى» دېگەن چاغدا، ئۇلار ناھايىتى ئاڭلىق ھالدا قوللىرىدكى ئىشلىرىنى قويۇپ، رازىمەنلىك بىلەن چوڭلارغا ئەگشىپ ماڭىدۇ، بۇ چاغدا ھەر ئىككى تەرەپ خوشال بولىدۇ.
بالىلار ئوينىغىلى چىققاندا قىزغىنلىقى قايناپ تاشقان ھالەتتە بولىدۇ، ئەما ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇلارمۇ ھېرىپ  قالىدۇ. ئۇلار چوڭلارنىڭمۇ ھارغانلىقى، قانچىلىق قىينىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسى  بويىچە ئۆزىنى ئۇلارغا كۆتۈرگۈزىدۇ. بۇنداق چاغدا بىز بالىلارنى بىر مىنۇت مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆزىمىز  بىر مىنۇت كۆتۈرۈپ ماڭساق، ھەر ئىككى تەرەپ خوشاللىققا چۆمىدۇ. بالىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىمۇ قوزغاپ، ئۆزىمىزنىڭ يۈكىنىمۇ يېنىكلەتسەك، بۇنىڭ خوشال بولمايدىغان نېمىسى بار؟
ئەگەر ياخشى-ياماننى ئايرىماي، بىر تەرەپلىمە ھالدا بالىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋەرسەك، بالىغا ئازراق ئىمكانىيەت قويۇپ قويمىساق، بالا« يۈزى چۈشۈپ» كەتكەندەك ھېس قىلىپ،  ئۇلاردا بىزارلىق خاھىشى ۋە قارشىلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، چوڭلارنىڭ« بۇيرۇق» نى ئىجرا قىلىشىغا قەتئىي ئۇنىماي، چوڭلار بىلەن قارشىلىشىدۇ.  مەيلى قايسى ۋاقىت، قانداق ئورۇندا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم بالىلار بىلەن كېلىشىۋېلىڭ، بىر  مىنۇت ۋاقىت بېرىڭ، ئۇلارنىڭ غورۇرى بىلەن كۆڭلى ئەمىن تاپسۇن، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئىشلارنى تېخىمۇ تەلكۈكۈس، تېخىمۇ تولۇق ئورۇنلىسۇن.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى