قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالا تەربىيىسدە سەۋرىچانلىقنى ھەمرا قىلىڭ

2018-07-04 12:06:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 تەربىيە سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش دېمەكتۇر. بۇ خۇددىي كېپىنەكنىڭ لىچىنكا تۇخۇمىنى يېرىپ، مىڭ بىر جاپادا چىققىنىغا ئوخشايدۇ. كېپىنەك شۇنداق جاپا- مۇشەقەتتە قانىتىنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق يېتىلىپ چىقىدۇ، بۇنداق مۈشكۈل جەرياننى كېپىنەك سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش كېرەك.  ئائىلە تەربىيىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانىمۇ بالا تەربىيەلەشتە  سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بىر كۈنى ئۈچ ياشقىمۇ كىرمىگەن بىر قىز مومىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ھويلىدا ئويناۋاتاتتى، ئۇ قولىدا بىر بوتۇلكا قېتىقنى تۇتقىنىچە ھېلى ئۇ ياققا يۈگۈرسە، ھېلى بۇياققا يۈگۈرۈپ ئوينايتتى. توساتتىنلا ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى پىلەككە يامىشىپ ئۆسكەن تىكەنلىك ئوتقا ئىلىشىپ قالدى، ئۇ پۇتىنى ھەر قانچە سىلكىسىمۇ ئاجرىتالمىدى، ئۇ سول پۇتى بىلەن پىلەكنى دەسسەپ، ئوڭ پۇتىنى تارتتى. بىراق يەنىلا پۇتىنى ئاجرىتالمىدى. مومىسى ئۇنى قانداق قىلىدىكىن دەپ قاراپ تۇردى. ئۇ ئېڭىشىپ ئاۋۋال سول قولى بىلەن پىلەكنى كۈچەپ تارتتى، ئاندىن قېتىقنى سول قولىغا ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ قولى بىلەن كۈچەپ تارتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پۇتىنى ئاجرىتالمىدى. مومىسى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: ئوماق قوزام، سىز بەك قالتىس، سىز قىلالايسىز، غەيرەت قىلىڭ! دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىچىك قىزچاق قولىدىكى قېتىقنى يەرگە قويۇپ، ئىككى قولى بىلەن پىلەكنى كۈچەپ تارتتى، بىراق يەنىلا پۇتىنى چىقىرالمىدى. ئۇ پىلەكنىڭ بىر ئۇچىنى تېپىپ، تەتۈر يۆنۈلىش بويىچە چۆرگىلەپ پۇتىنى چىقىرىۋالدى. مومىسى باش بارمىقىمنى چىقىرىپ ئۇنى ئارقا- ئارقىدىن ماختىدى. قىزچاق خوشال بولغان ھالدا كۈلدى-دە، يەردىكى قېتىقنى ئېلىپ، خوشلىقىدىن سەكرەپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى كۈلكىسى ھەرقانداق چاغدىكىدىن چىرايلىق ئىدى.

پىداگوكلار:  «تەبىئەت بالىلارنىڭ قورامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بالىلارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ»دېگەن. بالىلارمۇ بالىلىقتىكى ھەر خىل ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق پىشىپ يېتىلىدۇ.  ئەگەر بايىقى كىچىك قىزچاق ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغاندا، مومىسى دەرھال ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مەسلىنى ئوڭايلا ھەل قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تەپەككۈرى تەسىرىگە ئۇچرىغان بولاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا چوڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ، رىقابەتتىن قاچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، سىناپ بېقىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىش تەرەپدارىدا بولماي، مەسىلىگە يولۇققان ھامان يىغلاپ قاقشايدىغان بولۇپ قالاتتى. 

بەزى چاغلاردا ئاتا- ئانىلارنىڭ بىر ياقتا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى بىر خىل ئىللىقلىققا تولغان كۈتۈش ھېساپلىنىدۇ. جىمجىت كۈتۈش ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئورنىدا قىلىشىپ بەرگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىلغا تولغان تەربىيىدۇر. ھەر بىر بالا ئۆزىگە خاس بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىغا ئىگە بولۇپ، بۇ باسقۇچ ئاتا- ئانىلاردىن سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشنى، بالىلارنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە جىمجىت ھەمرا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئاتا- ئانىلار سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش بەدىلىگە چەكسىز خوشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى