قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا يازلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، توشۇلىدىغان يولۇچىنىڭ 8 مىليون 617 مىڭ ئادەم قېتىمغا   يېتىشى مۆلچەرلەندى

2018-07-04 12:21:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئىككى ئايلىق «يازلىق يولۇچى توشۇش» ئەندىزىسىگە كىردى، يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 8 مىليون 617 مىڭ  ئادەم قېتىمغا يىتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %15.7 ئاشىدىكەن. كۈندىلىك يولۇچى 139 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، 7-ئاينىڭ بېشى ۋە 8-ئاينىڭ ئاخىرى سەپەرگە چىققانلار ۋە قايتىدىغانلارنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۈتىۋىلىنىدىكەن. 
ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولۇپ، جەمئىي 62 كۈن ئىكەن. ئىلگىرىكى يىللاردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يولۇچىلار سودا قىلىدىغانلار، تۇغقان يوقلايدىغانلار، ساياھەت قىلدىغانلار، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىكەن، شىنجاڭنىڭ سىرتىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، فۇجۇ قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈگۈن شەھەرلەر ۋە ساياھەت مەنزىللىرىنى ئاساس قىلىدىكەن.  
يولۇچىلار 8-ئاينىڭ ئاخىرى تەدرىجىي ئازلايدىغان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا يولۇچىلار توپىنىڭ ئىككى يۇقىرى پەللىسى شەكىللىنىدۇ: 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەچكە، ئوقۇغۇچىلار، ساياھەتچىلەر، سودا ئىشلىرى بىلەن سەپەر قىلىدىغان يولۇچىلار يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى يۇقىرى پەللىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كۈنىگە 141 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا يولۇچى توشۇلىدىكەن؛ 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى بولۇپ شىنجاڭدىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇش باشلانغاچقا، مەكتەپكە قايتقان ئوقۇغۇچىلار، ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر قاتارلىقلار يولۇچىلار توپىنى يەنە بىر قېتىم ئاۋۇتۇپ، يازلىق توشۇشنىڭ 2-يۇقىرى پەللىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن، مۆلچەرلىنىشچە، شۇ مەزگىلدە كۈندە 136 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا يولۇچى توشۇلىدىكەن.  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى