قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولى بۇ يىل ئىچىدە 3-قېتىملىق يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشىدى، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا يېڭىدىن بىر جۈپ پويىز كۆپەيتىلدى

2018-07-04 12:21:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى بۇ يىل ئىچىدە يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى 3-قېتىم تەڭشەپ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا يېڭىدىن بىر جۈپ تېز سۈرەتلىك يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى جاينىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان پويىز 10 قېتىمغا يەتتى.
بۇ قېتىمقى خەرىتىنى تەڭشەشتە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان K6701/2 قېتىملىق تېز سۈرەتلىك يولۇچىلار پويىزىدىن بىر جۈپ كۆپەيتىلدى، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا ھەر يەكشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرى K6701 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە كۈنلىرى K6702 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.
ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا قاتنايدىغان D8804/D8807 قېتىملىق تېز سۈرەتلىك پويىزنىڭ قاتناش بۆلىكى  ليۇيۈئەننىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىغىچە ئۇزارتىلغان بولۇپ، بۇ، يولۇچىلارنىڭ دۇنخۇاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگىچە قاتنايدىغان D2707/4 ۋە D2709/14 قېتىملىق لىنىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى يولۇچىلارغا تېخىمۇ ئازادە، قولايلىق شارائىت يارىتىلدى.   
جۇڭگو تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سى شېنمىننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان پويىزنىڭ كۆپەيتىلىشى، دىنامىكىلىق پويىز لىنىيەسىنىڭ ليۇيۈئەننىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىغىچە ئۇزارتىلىشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى