قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمتاغ قۇملۇقىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى تىجارەت باشلىدى

2018-07-04 12:22:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، شۇ كۈنى 1000 غا يېقىن ساياھەتچى يېڭى دەرۋازىدىن مەنزىرە رايونىغا كىردى.
قۇمتاغ مەنزىرە رايونى بازار تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خې خەيشيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بارلىق ساياھەتچىلەر (ساياھەت ئۆمەكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن بېلەت سېتىۋېلىپ ئاندىن مەنزىرە رايونغا كىرىدىكەن (ھازىرقى تۆگە دەرۋازىسىنىڭ شەرقىگە 800 مېتىر كېلىدىغان جايدا)، تۆگە دەرۋازىسىدا بېلەت سېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلىپتۇ.
مەنزىرە رايونى تۆگە دەرۋازىسى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىبارەت ئىككى چىقىش ئېغىزىنى تەسىس قىلدى، تۆگە دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان ساياھەتچىلەر ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ يېڭى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە بارسا بولىدۇ، ئات ھارۋىسىنىڭ كىراسى بىر ئادەمگە بەش يۈەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى