قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياچېيكا بىلەن جەمئىيەتلەر ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغان ئەندىزە قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمانلىقتىكى كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشكە يېتەكلىدى

2018-07-04 12:23:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ بىر قانچە كۈندىن بۇيان، داڭلىق مەنزىرە رايونى شىنجاڭ قاناس سەيلىگاھى ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، تاغ ئېتىكىدىكى قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمانلىقتىكى قىزىلخا كەنتىمۇ قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى، دېھقان- چارۋىچىلار ھەر قايسى جايلاردىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىشتى.
▲ قىزىلخا كەنتى بۇرچىن ناھىيەسىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول بويىغا جايلاشقان بولۇپ، جايلاشقان ئورنى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يول، كەنت ئەتراپىدىكى قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمانلىق، ئاق قېيىن ئورمانلىقى قاتارلىق دەريا ۋادىلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. ئەمما، بۇ يەردە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا تايىنىپ دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن، شۇڭا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى مەنزىرە رايونلىرىدا ئىككىلەمچى كۈتۈۋېلىش بازىسى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.
▲ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يېرلىك زىيابان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ پىلاننى يولغا قويۇشقا تۇتۇش قىلغاندا، گەرچە ياخشى چارە بولسىمۇ، لېكىن ئاممىنى ھەقىقىي سەپەرۋەر قىلىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى، دەسلەپتە خىزمەت باشلاشمۇ قىيىنغا توختىدى، پۇقرالارنىڭ ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىشتە قىينالدۇق، ئۇلار قاچا- قۇچا، يوتقان- كۆرپە قاتارلىقلارغا سالغان 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالالماسلىقىدىن ئەنسىرىدى.
▲ بۇلتۇر قىزىلخا كەنتى «ياچېيكا بىلەن جەمئىيەتلەر ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغان» ئەندىزە شەكلىدە »خوڭيېلىن« مىللىي ئۆرپ- ئادەت مىللىچە ئۆي ئارامگاھى جەمئىيىتىنى قۇردى، بۇ جەمئىيەت 7 پارتىيە ئەزاسى ۋە 9 ئاممىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ياچېيكا ئوتتۇرىغا چىقىپ كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنى تاماق ئېتىش، مۇلازىمەت قىلىپ كۈتۈۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى ھەمدە ئامال قىلىپ خېرىدار مەنبەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ساياھەتچىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەقسىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. يېرلىك مۇنداق دېدى: پەقەت پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ، ياچېيكا بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىگەندىلا چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ.
▲ بىر يىلدىن بۇيان، »خوڭيېلىن« مىللىي ئۆرپ- ئادەت مىللىچە ئۆي ئارامگاھى جەمئىيىتى كۈتىۋالغان ساياھەتچى 6000 دىن ئاشتى، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
▲ جەمئىيەت ئەزاسى تالافخان خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، ياچېيكىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، چۈنكى ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئۆيىدىلا پۇل تاپالايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىلا چەكلىك، ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە يېتىشتە يەنە ئارىلىق بار ئىدى. بۇ يىللىق ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، تالافخان بىر قىسىم ئۆيلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى بالدۇرلا يېڭىلاپ، ھويلىسىغا كىگىز ئۆي ياساپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مىللىي ئۆرپ- ئادەت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.
▲ يېقىندا، قىزىلخا كەنتىدە يەنە 21 دېھقان- چارۋىچى ئائىلىسى »خوڭيېلىن« جەمئىيىتىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى. تيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەۋزەل بايلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى يولنى تېپىپ بەردى.
▲ قىزىلخا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يېرلىك مۇنداق دېدى: بۇ يىل ياچېيكىمىز يەنە «ياچېيكا بىلەن كوپېراتىپلار ئۆز ئارا ماسلاشقان» ئەندىزە شەكلىدە كەشتىچىلىك كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى چىۋەر، قولى ئەپلىك ئاياللارنى كوپېراتىپقا كېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يوللارنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى