قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېكەس تونېلىنىڭ سول لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ بولۇندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدۇ

2018-07-04 12:24:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ يېقىندا، دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىنىڭ بىنەملىكتىن تېكەسكىچە بولغان بۆلىكىگىچە ھالقىلىق كونترول قىلىنغان قۇرۇلۇش-- تېكەس تونېلىنىڭ سول لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ بولۇندى، پۈتكۈل قۇرۇلۇش بويىچە 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ۋاقتى كەلگەندە، »سەككىز تەرەپلىك شەھەر«-- تېكەسكە كىرىشتە ئىلگىرىكى داۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈشكە قارىغاندا بىر سائەتلىك مۇساپە قىسقىرايدۇ.
▲ تېكەس تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.7 كىلومېتىر، سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى 60 كىلومېتىر، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار، دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىنىڭ بىنەملىكتىن تېكەس ناھىيەسىگىچە بولغان تاشيولنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
▲ تېكەس ناھىيەسى تيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى تېكەس - موڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 815 كىلومېتىر كېلىدۇ. تېكەس ناھىيەسى مۇكەممەل ھەم مۇنتىزىم بولغان «سەككىز تەرەپلىك شەھەر» قۇرۇلۇشى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە ساياھەت قىلغىلى كېلىدۇ.
▲ ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تېكەس ناھىيەسىگە كىرىپ- چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىنىڭ بىنەملىكتىن تېكەس بۆلىكىگىچە بولغان تاشيولنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئۆلكە يولى 220-لىنىيە كونا يولىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلىپ، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان لىنىيە يۆنىلىشى بويىچە، بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول قىلىپ ياسىلىدۇ. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، تېكەس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، ئەتراپتىكى 4 تۈەن- مەيدان ئاممىسىنىڭ سىرتقا قاتنايدىغان ئەڭ قولايلىق يولىغا ئايلىنىدۇ.
▲ ئىلىدىكى «سەككىز تەرەپلىك شەھەر»-- تېكەس ناھىيەسىگە بېرىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى تېكەسكە كىرىپ- چىقىشتا چوقۇم  ئەگرى- توقاي يوللار، خەتەرلىك داۋانلارنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ، ئەمما، تېكەس تونېلىنىڭ ياسىلىشى بىلەن، تېكەسكە بېرىپ «سەككىز تەرەپلىك شەھەر»نى كۆرۈشتە، تاغ ئايلانما يولىدىكى »خەتەرلىك تاشيول« لاردىن مېڭىشتىن ئۈزۈل- كېسىل خوشلىشىپ، تونېلدىن مېڭىشقا ئۆزگىرىدۇ. شۇنداقلا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى داۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈشكە قارىغاندا بىر سائەتلىك مۇساپە قىسقىرايدۇ.
▲ بۇنىڭدىن باشقا، تېكەسكە بارىدىغان يەنە بىر پەسىل خاراكتېرلىك يول بار بولۇپ، بۇ يول ھەر يىلى 6- ئايدىن 10- ئايغىچىلا ئېچىۋېتىلىدۇ، يەنى غۇلجا شەھىرىدىن چىقىپ چاپچال ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاقتاش چوققىسىدىن ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تېكەسكە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى