قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاغ- دەريالىرى گۈزەل، يايلاقلىرىدا ھەر خىل گۈل- گىياھلار ئېچىلىپ كەتكەن قاراجۈن يايلىقى

2018-07-04 12:27:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ قاراجۈن يايلىقى ئورمان، يايلاق، قارلىق تاغ، مۇزلۇق، جىلغا، دەريا، كۆل قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر بىر گەۋدىلەشكەن مەنزىرە بەلبېغى. نۆۋەتتە، ئېچىۋېتىلىش جەھەتتە بىر قەدەر پىشقان مەنزىرە رايونلىرىدىن كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى ۋە شەرقىي، غەربىي قاراجۈن مەنزىرە رايونى بار بولۇپ، ھەر يىلى 300 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدۇ.
▲ قاراجۈننىڭ مەنىسى «قارا قويۇق ئورمان» بولۇپ، غەربى تيانشان تېغىنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسىغا سوزۇلغان ئۆتكۈنچى بەلبىغىغا جايلاشقان، تىپىك ئېگىز تاغلىق چىملىق تەبىئىي ئوتلىقىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1305 مېتىردىن 3957 مېتىرغىچە بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 2848 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى، غەربىي قاراجۈن، شەرقىي قاراجۈن، ئوتتۇرا تيانشان تېغى قارلىق چوققىسى ۋە «تيەنلەي» ئورمىنىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەنزىرە رايونىدىن تەركىب تاپقان.
▲ غەربىي قاراجۈن مەنزىرە رايونىدىكى «بۇلاق» بېلەت بېكىتىدىن شەرقىي قاراجۈن مەنزىرە رايونى «بۈركۈت سۇپىسى» ئاخىرقى بېكىتىگە بېرىش ئۈچۈن، ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تەخمىنەن 60 مىنۇت مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتاين گۈزەل بولۇپ، كامىرا ئارقىلىق سىنغا ئېلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. مەنزىرە ئاپتوموبىلى بىلەن تېخى يىراققا بارماي تۇرۇپلا، چەكسىز كەتكەن يايلاق، تاغ- دالىنى قاپلىغان قويۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان قىزىل، سېرىق، بىنەپشە، سۆسۈن رەڭلىك ھەر خىل گۈل- گىياھلارنى كۆرىسىز... بۇ يەر «گۈل- گىياھلار ئېتىكى» بولۇپ، گۈل- گىياھلارنى ئوبدان بىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئىنچىكە يوپۇرماقلىق قوڭۇر باش، ئوتلاق قاقىرا تۇمشۇق، سۆسۈن گۈللۈك چىغىرتماق، كۆزگىنەك، يايلاق مەرۋەرىكى قاتارلىق ئوت-چۆپ تۈرلىرىنى تاپالايدۇ.
▲ غەربىي قاراجۈندىن كېيىن، دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى جايى شەرقىي قاراجۈنگە يېتىپ كېلىسىز. بۇ يەردە ئالدى بىلەن كۆرىدىغىنىڭىز فوتوگرافلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان »گۈل سۇپىسى« بولۇپ، بۇ يەردە ئۆزگىچە «رەڭدار چىملىق» بار. بۇ يەردە 105 خىل ئەلا سۈپەتلىك ئوت- چۆپ ئۆسىدۇ. 4-، 5- ئايلاردا يېشىل ئوت- چۆپلەر ياپيېشىل يېكەندازغا ئوخشاش پۈتۈن جاھاننى قاپلايدۇ، 6-، 7- ئايلاردا قېنىق يېشىل كىمخاب كىيگەن يايلاقلاردا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كېتىدۇ، 8-، 10-ئايلاردا سارغايغان ئوت- چۆپلەر، قىزىل چاتقاللار، تۇتاش كەتكەن دۆڭلۇك، ئالتۇن رەڭلىك جىيەكلەر يايلاق مەنزىرىسىگە تېخىمۇ گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
▲ كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى بولسا قاراجون ساياھەت رايونىدىكى بەش چوڭ مەنزىرە رايونىنىڭ يادرولۇق مەنزىرە رايونى، «كۆكسۇ» قازاقچە «كۆك دەريا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، كۆكسۇ دەرياسى ئىلى دەرياسىنىڭ بىرىنچى چوڭ تارمىقى ـــ تېكەس دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنى بولۇپ، كۆكسۇ دەرياسىدىن شەكىللەنگەن كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى تيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تىك، ئەگرى-توقاي، چوڭقۇر، تىك ئېگىزلىكى 360 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن لەيلەش، دېلتا شەكىللىك ئۇچقۇ، ئىسسىق ھاۋا شارى قاتارلىق تۈرلەر بار. 
▲ كۆكسۇغا كەلگەنلەر سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ جىلغىنى ساياھەت قىلالايدۇ، سەيلە كېمىسى قاراجۈن كۆلىگە سېلىنغان، قاراجۈن كۆلى قۇرداي دەرياسى بىلەن كۆكسۇ دەرياسىنىڭ ئىككى دەريا ئېقىنىدىن يىغىلىپ شەكىللەنگەن. قۇرداي دەرياسى تيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ، ئېقىن بويىدا دەل-دەرەخلەر كۆپ بولغاچقا، سۇ سۈپىتى بىر قەدەر يۇمشاق، ئېقىن سۈيى نىسبەتەن سۈزۈك. كۆكسۇ دەرياسى تيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى قارلىق چوققىدىن باشلىنىدۇ، ئېقىن بويىدا دەل-دەرەخلەر شالاڭ، ئېقىن سۇيى قىيا تاشلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دەريا سۈيىدە زور مىقداردا كالتسىي كاربونات ماددىلىرى بار، سۇ سۈپىتى بىرقەدەر قاتتىق، نىسبەتەن دۇغىلىشىپ كەتكەن. ئىككى دەريا ئېقىنى چوڭقۇر تاغ جىلغىسىدىن شىددەت بىلەن ئېقىپ چۈشۈپ، قۇردايدا قوشۇلۇپ قاراجۈن كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، ئىككى دەريانىڭ قوشۇلغان يۈزىدە تەخمىنەن 1000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا «ئىككى خىل رەڭلىك سۇ» مەنزىرىسى شەكىللەنگەن. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى