قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى يۇرت مېھرى پۇراپ تۇرىدىغان گۈزەل يېزا- كەنتلەرنى

2018-07-04 12:57:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى شاڭجاڭزا كەنتىدىكى 81 ياشلىق كەنت ئاھالىسى سۇ يۇ سەيلە قىلغاچ كەنت بېشىدىكى كەنت تارىخى سارىيىگە كىردى ھەمدە سارايدىكى كونا كۆرگەزمە بويۇملارنى كۆرۈۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى توي خېتىغا كۆزى چۈشۈپ قالدىدە، چېھرىدە بەختلىك تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
 2014 ـ يىلى شاڭجاڭزا كەنتىگە كەنت تارىخى سارىيى سېلىنىپ، كەنتتىكى كىشىلەردىن كونا بۇيۇملارنى يىغىپ كۆرگەزمە بۇيۇمى قىلدى، سۇ يۇ ئۆيىدىكى بۇلۇڭ- پۇچقاقلارنى ئىزدەپ چىقىپ،  1970 ـ يىلى بېجىرىلگەن بۇ توي خېتىنىڭ خېلى ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىئانە قىلدى. سۇ يۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ يىللاردىكى توي خېتىدە سۈرەت يوق ئىدى، مۇقاۋىسى قىزىل، ئىچى ھال رەڭدە بولۇپ، ئىسمى، ۋاقتىنى قولدا يازاتتى. توي خېتى بىر دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياشلارغا ئەينى چاغنىڭ تۈسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
 شاڭجاڭزى كەنتىنىڭ كەنت تارىخى سارىيىنىڭ كۆلىمى ئاران نەچچە ئون كۇۋادىرات مېتىر بولسىمۇ، ئەمما توي خېتى، كىرسىن چىراق، ئۇدۇل پەشلىك يەكتەك، رادىئولۇق ئۈنئالغۇ قاتارلىق30 نەچچە كۆرگەزمە بۇيۇمى قويۇلغان، بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدا قويۇق بولغان ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. كەنت ئاھالىسى خې يۇگېن مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ياشلار ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھەيران قېلىپ، سىلەر بۇرۇن تۇرغان ئۆيلەر بىزنىڭ ھازىرقى قوي تۇرىدىغان ئۆيگىمۇ يەتمەيدىكەن، دېيىشىپ كەتتى.»  خې يۇگېن ئىلگىرى 10 نەچچە يىل شاڭجاڭزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، كەنت تارىخى سارىيىنى ئۇ بىر قوللۇق قۇرغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنت تارىخى سارىيى سېلىشتىكى مەقسەت كەنتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، تەرەققىيات جەريانى، كەنتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كەنتنى بىلىش، كەنتنى سۆيۈش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. خې يۇگېن مۇنداق دېدى: ھازىرقى بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ياشلار بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ.
 لوتۇيى بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى خاۋ جىچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2013 ـ يىلى ماناس ناھىيىسى «گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ چىقىش» نىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، « يۇرت مېھرى پۇراپ تۇرىدىغان گۈزەل يېزا- كەنت» نى پائال بەرپا قىلدى. پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىدا مەدەنىيەت ئامىللىرىنى نامايەن قىلىپ، مۇھىت يارىتىش جەھەتتە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت ئىدىيەسى بىلەن گۈزەل يېزا ـ كەنتلەرنى بىرلەشتۈردى.
 خاۋ جىچياڭ مۇنداق دېدى: لوتۇيى بازىرى ئىلگىرى بىر ئۆتەڭ ئىدى. قەدىمكى زاماندا، ئۆتەڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ۋە ھەربىي ئاخباراتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلار ياكى ئۇياق - بۇياقتىن كېلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ يېتىپ ياكى تاماق يەپ ئۆتىدىغان، ئات ئالماشتۇرىدىغان جايى بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن تۈزۈملىرى بار ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، 200 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق ۋەزىرى لىن زېشۈ بۇ يەردە بىر ئاخشام تۇرغان، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ شۇ جاينىڭ مۇھىتىنىڭ گۈزەللىكىنى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىناقلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز مەمنۇنلۇق ھېس قىلىپ، «بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر خاتىرجەم ماكان ئىكەن» دەپ تەرىپلىگەن ئىكەن.
 گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭجاڭزى كەنتى كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي ئۆتەڭ، ئېكولوگىيەلىك يۇرتنى ئاساسىي تېما قىلىپ، قەدىمىي ئۆتەڭلەرنىڭ قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چۆرىدەپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى، كەنت مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقتى.  تۆت يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، شاڭجۇئاڭزى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھال رەڭ تاملىق ۋە قارا كاھىشلىق، ياغاچ لەمپىلىرى ئۇچلۇق، نەقىشلىك  ئۆيلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. كەنت مەركىزىدىكى گىرەلەشكەن تەكشى ئاسفالت يوللار ئاھالىلەر رايونىنى خۇددى شاھمات تاختىسىدەك ئايرىپ تۇراتتى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئالما دەرەخلىرى مول مېۋە بەرگەن بولۇپ، دەرەخ كەينىدىكى ھويلا تېمىغا دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل مەنزىرىسى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە گۈل ـ گىياھلار، قۇشلار، شەخسلەرنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان. ئاسفالت يولنىڭ ئايىقىدىكى كىچىك باغچىدا، كۆللەر رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، ئەتىرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان.
 خاۋ جىچياڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە لوتۇيى بازىرى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك شەھەر - بازار ئومۇمىي پىلانىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېرىك پىلاننىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، « قەدىمىي ئۆتەڭ- يېڭى بازار » مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. ئوخشاشلا « يۇرت مېھرى پۇراپ تۇرىدىغان گۈزەل يېزا- كەنت» قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرى بۇلاق ئالدى كەنتى كەنت تارىخى سارىيى سېلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئىنچىكە نۇقتىلارغىمۇ كۈچ سەرپ قىلدى. شىنجاڭدا مول، رەڭدار يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خام كېسەك، سوقما تاملىق ئۆي مەدەنىيىتى بار. بۇلاق ئالدى كەنتى كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتە، بۇ خىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىياپەتنى تولۇق ساقلاپ قالغان.
 بۇلاق ئالدى كەنتىنىڭ كەنت تارىخىي سارىيىنىڭ دەرۋازىسى خام كېسەك بىلەن ياسالغان، سىرتىغا بىر قەۋەت قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ غولى چاپلانغان بولۇپ، قارىماققا سەھرا پۇرىقىغا تولغاندەك كۆرۈنىدۇ. كوچىغا يېقىن ھويلا تاملىرى يېشىل رەڭدە ھاكلانغان بولۇپ، كۆك رەڭلىك دەرۋازىسى بىلەن ماسلىشىپ، ناھايىتى پاكىزە ۋە راھەت كۆرۈنىدۇ. كەنتتىكى دەرەخلىك يولدا سەيلە قىلىپ ماڭغىنىڭىزدا كونا ياغاچتىن ياسالغان ئورۇندۇق، يول تاختىلىرىنى، كونا بالون ياكى سىر تۇڭىدىن ياسالغان تەشتەكلەر پات ـ پات ئۇچراپ تۇرىدۇ. كەنت تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يول چىرىغى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ئورنىتىلغان.
 بۇلاق ئالدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ئۆمەر مۇنداق دېدى: « پەقەت ئويلىماپتىمەن، بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن يېزا كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىنىش ئارقىلىق، راھەت، مەنزىرىسى گۈزەل يېزا - كەنتكە ئايلاندى. بۇرۇن يېزىدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلايتتۇق، ھازىر تۇرالغۇ مۇھىتى گۈزەللەشتى، ھۆكۈمەت ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، بۇ يەردىن ئايرىلىپ كېتىشكە قانداقمۇ چىدايمىز.»
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى»نىڭ 4 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەھەر - يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا، شەھەر- يېزىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرنى تېجەش، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاۋۋال پىلانلاپ ئاندىن قۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، بايلىق، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئەنئەنىۋى قىياپەتنى ساقلاپ قېلىش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلگەن، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، ئاممىۋى سەھىيە، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قاتارلىقلار بەلگىلەندى.
 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»دا، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ،  يۇرت مېھرى بېرىدىغان تۇيغۇنى ساقلاپ قېلىش تەلەپ قىلىندى. يېزىلارنىڭ سەھرا قىياپىتىنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يېزا پۇرىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رايون مەدەنىيەت ئامىللىرى ۋە بەلگىسىنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق، ئېتىز-ئېرىق، يول، كەنت قىياپىتىنى ئۇنىۋېرسال ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
 2012 ـ يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ـ بازارلارنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە كەنت قۇرۇلۇشى پىلانىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى كەنتنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش، قاتتىقلاشتۇرۇش، ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ماسلىشىشىغا، ئەنەنىۋى قىياپەت بىلەن ماسلىشىشىغا، ھويلاـ ئارام ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلىدى.
2018 ـ يىلى تۈزۈلگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى يولغا قويۇش لايىھەسى» دە، دېھقانلار تۇرالغۇلىرىنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش ۋە ئۆزگەرتىپ پۇختىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، دەۋر قىياپىتى، رايون ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، ئەتراپتىكى تەبىئىي مۇھىت بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە، 2018 ـ يىللىق تيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى چۆرىدەپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ماناس ناھىيەسى لەنجۇۋەن بازىرى گۇڭبەي كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما سۈنشيا شاڭجاڭزى كەنتى، بۇلاق ئالدى كەنتى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەنەنىۋى قىياپىتىنى قوغداش ئۇسۇلىنى ماختىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: يۇرت مېھرى دېگىنىمىز، شۇ يەردىن ئايرىلسىڭىز شۇ يەرنى سېغىنىسىز دېگەنلىك، دەپ ئېيتقان. ما سۈنشيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرتقا بولغان سېغىنىش بىر جاينىڭ تۇرمۇشىدا مۇجەسسەملەنگەن، مەدەنىيەتنى تونۇش ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشتە مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى قىياپەتنى، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت، ئولتۇراق ئۆي، ھويلا- ئارام قاتارلىق يېزا مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش، پايدىلىنىش، ياخشى قوغداش كېرەك ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى