قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەن ھەققىدە

2018-07-05 11:38:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋەتەن ئۇلۇغ، ۋەتەن مۇقەددەس، ئۇلۇغ كومپارتىيىنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىزنىڭ ۋەتىنىمىز كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىپ، دۇنيا ئەللىرى ئالدىدا پەخىرلەنگۈدەك بىر ئەزىز دىيارغا ئايلانماقتا. ھەر مىللەت خەلقى بۇ گۆھەر ماكاندا تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرۈپ، بۇ تۇپرىقىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە، تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇشقا بارلىقىنى ئاتىماقتا.
ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقى، سۆيۈملۈكلۈكى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىش-قىلالماسلىق ھەربىر كىشىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسىنىڭ بار-يوقلۇقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى يېتىلدۈرگەن-يېتىلدۈرمىگەنلىكى، ۋەتەننى قەدىرلەش ئېڭىغا ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.
شۇڭا بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتە ۋە مەكتەپ، ئائىلىلەردە ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى چوڭقۇر ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىق-تەربىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىدىن ئىبارەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسى، بىر تامچە سۈيى، گۈل- گىياھلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئاسراشتەك ئېسىل ئەخلاقىي ئاڭ، پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.
ۋەتەن- ھەممىمىزنىڭ قەلب تۆرىگە، يۈرىكىگە نەقىشلەنگەن، ۋەتەن بىزنىڭ قەلب سۆيگۈمىزدە. ۋەتەن دېمەك، بىز دېمەك، ۋەتەن دېمەك ھەممىمىز دېمەك. بىز ھەممىمىز ۋەتەنگە تەۋە، ۋەتەنمۇ ھەممىمىزگە تەۋە، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز 1 مىليارد 300 مىليون خەلققە، 56 مىللەتكە، ھەربىر ئادەمگە تەۋە... چۈنكى ۋەتەن ئاشۇ ئادەملەرنىڭ تىلىدا ۋە دىلىدا مەڭگۈ يادلىنىدۇ، ئاشۇ ئادەملەردىن ھاسىل بولغان پولات سېپىلدا قوغدىلىدۇ؛ يەنە ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ئەجىر-مېھنىتىدە گۈللەپ روناق تاپىدۇ...
ۋەتەن ۋە يۇرتقا بولغان مۇھەببەت بىزنىڭ قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى قەلبىدە ئىللىق ھارارەت پەيدا بولىدۇ. ۋەتەن-يۇرت مەدھىيىلەنگەن ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا قەلبى ھاياجانغا چۆمىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى