قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خانىم -قىزلار  چېچىنى تۈزەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە نوقتا

2018-07-05 12:25:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىز باشقىلارنى كۈزەتكەندە ئالدى بىلەن بېشىدىن باشلاپ كۈزىتىمىز، ھالبۇكى چاچ ئەڭ گەۋدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. خانىم- قىزلار چاچ گۈزەللىكىدە بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
چاچ پاسونى ئۆز لايىقىدا بولىشى كېرەك. بۇ ئادەتتە چاچنىڭ  پۈتۈن لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىگە لايىق بولغان چاچ پاسونىنى تاللاشتا، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىشىدىن باشقا يەنە مۇھىمى ئۆزىنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنى، ئەمەلىي شارائىتى ھەمدە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. يەنى ئۆزىنىڭ شارائىتى دېگەندە يۈز شەكلى، بوي ئىگىزلىكى، ئورۇق- سېمىزلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چاچ پاسونىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بولۇپ، ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنىڭ چاچ پاسونىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. ئالايلى، سودا ساھەسىدىكى خانىم-قىزلار زۆرۈر بولغاندا چېچىنى بۇغىۋالسا ياكى تۈگىۋالسا بىر قەدەر  مۇۋاپىق. ياشراق ئاياللار چېچىنى ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا قاراپ مودىراق ياساتسا بولىدۇ.
 خانىم- قىزلار يەنە چېچىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن پاسونلاردا ياسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، چاچ پاسونى يۈز شەكلىگە ماس كېلىشى كېرەك. چۈنكى چاچ پاسونى بىلەن يۈز شەكلى ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا،  ئاندىن بىر پۈتۈن گۈزەللىك گەۋدىلىنىدۇ. ئادەتتە يۈز شەكلى غاز تۇخۇمى شەكىللىك يۈز، يۇمىلاق يۈز، ئۈچ بۇرجەك يۈز، گازىر يۈز، چاسا يۈز ۋە ئۇزۇن يۈز دەپ ئالتە خىلغا بۆلۈنىدۇ، خانىم- قىزلار چاچ ياساتقاندا مۇشۇ خىل يۈز شەكىللىرىنى ئويلۇشۇپ ئاندىن چاچ پاسونىنى تاللىشى كېرەك. بوينىڭ ئىگىز- پاكارلىقى، سېمىز-ئورۇقلۇقمۇ چاچ پاسونىنى تاللاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خانىم- قىزلار يۇقۇرىقى ئامىللارنى ئويلۇشۇپ چاچ پاسونىنى تاللىغاندا بىر پۈتۈن گۈزەللىكنى نامايەن قىلالايدۇ
ئۇنىڭدىن باشقا، خانىم- قىزلار ئىشىكتىن چىقىشتىن ئىلگىرى، ئىشقا مېڭىش ئالدىدا، كىيىم ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئومۇمەن زۆرۈر ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە چاچنى تاراپ، مۇۋاپىق تۈزەشتۈرۈپ تۇرىشى  كېرەك. بۇ چاچنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، خانىم- قىزلارغا گۈزەللىك بېغىشلىغاندىن باشقا، باشتىكى قان ئايلىنىشقىمۇ پايدىلىق.
 چاچنى ياخشى ئاسراش لازىم. چاچ- چاچ پاسونىنىڭ مەركىزىي نوقتىسى. شۇڭا، كۈندە چاچنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش لازىم. چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن چاچنى قەرەللىك يۇيۇش ئىنتايىن مۇھىم. يەنى چاچ يۇيۇش قەرەلى مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. قۇرغاق چاچلارنى 3-4 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇش، مايلىق چاچلارنى 1-2 كۈندە بىر  قېتىم، ئوتتۇراھال مايلىق چاچلارنى 2-3 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇش لازىم. چېچى ئازلار، ياكى چېچى بەك چۈشىدىغانلار چاچ  قۇۋۋەتلەيدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى لازىم.
ئۇنىڭدىن باشقا خانىم- قىزلار چارچىغاندا، بېسىم ھېس قىلغاندا چاچ ياساتسىمۇ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
ئادەتتە كەيپىياتنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى بىلەن چاچ ياسىتىشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايمىز. بىراق خانىم- قىزلارنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىغاندا، ساتىراشخانىغا بېرىپ چېچىنى ياسىتىپ سىناپ باقسا بولىدىكەن، بۇنداق قىلغاندا پىسخىكىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق تەڭشىلىدىكەن. «خانىم- قىزلار چېچىنى ياساتقان چاغدا پاسسىپ، ئەمما خاتىرجەم مۇھىتتا تۇرىدىكەن، چاچ شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ئۇلارنى پىسخىك جەھەتتە ئازادىلىك ۋە خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى ياخشىلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇرىدىكەن، چۈنكى ئادەم چېچىنى ياساتقاندا باش  غىدىقلىنىپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى كۆپىيىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە تۈگۈن نېرۋىسى تېخىمۇ ئۆتكۈر ئىنكاس قايتۇرۇپ، پىسخىك روھىي ھالەتتە زور ياخشىلىنىش بولىدىكەن. يۇقۇرىقىلاردىن باشقا،چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىدىن چىققان خانىم- قىزلار قارىماقتا تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتى باشقىچىلا جانلىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، خانىم- قىزلار چېچىنى يۇيۇش، تاراش ھەم شامالدىتىپ قۇرۇتۇش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى تەدرىجىي نورماللىشىپ، قان بېسىمىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولىدىكەن، بۇ يەنە خانىم- قىزلاردىكى ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى