قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاق شېكەرنىڭ رولى

2018-07-07 17:15:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇكۇل سالغان جاينىڭ ئاغرقىنى پەسەيتىدۇ.
بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملگەندە، بالىغا ئازراق ئاق شېكەر سۈيى بەرسە ياكى ئېمىزگۈنى ئاق شېكەرگە تەككۈزۈپ ئېمىتىپ قويسا، بالىنىڭ يىغىسىنى پەسەيتىپلا قالماستىن، بەلكى ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. 
كىچىكرەك يارا ئېغىزىنى دېزىنفكسىيە قىلىدۇ. يارا ئېغىزىغا مۇۋاپىق مىقتاردا ئاق شېكەرى چېچىپ قويسا، يارا  ئېغىزى ئەتراپتىكى باكتېرىيەلەرنى يوقىتىشقا ياردىمى بار بولۇپ، بەلگىلىك دېزىنفېكسىيە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
كۆيۈش سېزىمىنى يوقىتالايدۇ. ئەگەر بىرەر نەرسىنى قىزىق يەۋېلىپ، تىلىنى ياكى ئېغىزىنى  كۆيدۈرۈۋالغاندا، دەرھال ئاق شېكەرنى تىلنىڭ ئۈستىگە چېچىپ قويسا، ئاغرىقنى تېز سۈرئەتتە پەسەيتىكىلى بولىدۇ.
قولدىكى سىر داغلىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ. قولغا سوپۇن سۈرتۈپ ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق ئاق شېكەرنى چېچىۋېتىپ، 20 مىنۇت ئۇۋىلاپ بەرسە، قولدىكى سىر، ياغ دېغى قاتارلىق جاھىل كىرلەرنى تامامەن يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىدۇ. ئاق شېكەرنى قەغەز خالتىغا قويۇپ توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسا، غەيرىي  پۇراقلارنى پاكىز سۈمۈرۈۋالىدۇ.
گۈللەرنىڭ ئېچىلىش مەزگىلىنى ئۇزارتىدۇ. گۈللەر تازا ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئادەتتىك ۋاقىتلارغا  قارىغاندا  تاتلىققا بەكرەك مۇھتاج بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۈللەر ئېچىلىشقا باشلىغان مەزگىلدە، تەشتەكلەگە ئازراق ئاق شېكەر چېچىپ قويسا، گۈلنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
پىشۇرۇقلارنى يېڭى پېتى ساقلىيالايدۇ. پشۇرۇق ياكى تورتلارنى ھىم قاچىلاردا ئۇزاقراق ساقلاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئازراق ئاق شېكەر سېپىپ قويسا، بۇ يېمەكلىكلەرىڭ يېڭى پېتى تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
تېرىنى سىقلايدۇ. مۇۋاپىق  زەيتۇن يېغى بىلەن ئاق شېكەرنى تەڭشەپ، كالپۇكقا سۈركەپ ئاستا-ئاستا  ئۇۋۇلاپ بەرسە، كالپۇك يېرىلىشقا پايدىسى بولىدۇ. كالپۇك تېخىمۇ پارقرىراق، سىلىق بولۇپ كېتىدۇ. قولنىڭ ئۈستىگە سۈركىسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كاشتاننىڭ پوستىنى چىقىرىۋېتىدۇ. كاشتاننى پشۇرۇشتىن ئاۋۋال ئاق شېكەرنىڭ سۈيىگە ئىككى سائەت  ئەتراپىدا چىلاپ قويسا، كاشتاننىڭ سىرتقى پوستىنى ناھايىتى ئوڭايلا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.    سۈۋەرەك يوقىتالايدۇ. ئاق شېكەر بىلەن پاراشوكنى تەڭ مىقتاردا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغا چېچىپ قويسا، سۈۋەرەك يوقىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى